مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 948 رەت   / مەنبە: -

يۈرەكنىڭ ئەڭ مۇھىم پائالىيىتى يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ ئۈزلۈكسىز قىسقىرىش ۋە كېڭىيىشى ئارقىلىق نورمال قان ئايلىنىش ھالىتىنى ساقلاپ تۇرۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ قىسقىرىش كۈچى ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئاجىزلىسا، ۋېنا ئارقىلىق يۈرەككە قايتقان قاننى ئارتېرىيىگە تولۇق چىقىرىپ بېرەلمەي، ۋېنا قېنىنىڭ قايتىشى توسالغۇغا ئۇچراپ، بىر تەرەپتىن نېرۋا سىستېمىسدا قان تولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئارتېرىيە سىستېمىسىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەلىك بولماي توقۇلمىلارنىڭ ماددا ئالمىشىشى ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ-دە، مانا بۇ سوزۇلما قان تولۇش مەنبەلىك يۈرەك زەئىپلىكى دېيىلىدۇ. 

كېسەللىك سەۋەبى:

ئاساسلىق كېسەللىك سەۋەبى ئىچكى مەنبەلىك يۈرەك خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان سەۋەبلەر ۋە يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زەخىملىنىشىنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەر دەپ ئايرىلىدۇ. 

يۈرەك خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان سەۋەبلەر: 

1) قىسقىرىش دەۋرىدىكى يۈرەك خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى: ئائورتا كلاپانى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تارىيىش ياكى بەدەن، ئۆپكە قان ئايلىنىشتىكى ئارتېرىيە بېسىمى يۇقىرىلاش (يۇقىرى قان بېسىم) ۋە ئىككى قاناتلىق كلاپان تارىيىش قاتارلىقلار سول ۋە ئوڭ يۈرەك قېرىنچە خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئەڭ ئاخىرىدا ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

2) كېڭىيىش دەۋرىدىكى يۈرەك خىزمىتىنىڭ ئېغىرلىشىشى: ھەر قايسى يۈرەك كلاپانلىرى تولۇق يېپىلماسلىق، تۇغما مەنبەلىك قېرىنچە ئارا پاسىل كەمتۈكلۈكى، ئارتېرىيە ئۆتكۈزگۈچ نەيچىسى ئېتىلمەسلىك قاتارلىقلار سول قېرىنچىنىڭ كېڭيىش دەۋرىدىكى خىزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ سول يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تۇغما مەنبەلىك دالانچە ئارا پاسىل كەمتۈكلۈكى ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ كېڭىيىش دەۋرىدىكى خخزمىتىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ ئوڭ يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن: كەم قانلىق، قالقانبەز خىزمىتى كۈچىيىپ كېتىش، ئارتېرىيە-ۋېنا ئارا ئاقمىسى ۋە ۋىتامىن B1 يېتىشمەسلىك قاتارلىقلار پۈتۈن كېڭىيىش دەۋرىدىكى يۈرەك خىزمىتىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يۈرەك زەئىپلىكنى پەيدا قىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.