مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1519 رەت   / مەنبە: -

مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ 10 چوڭ سىگنالى

1. دائىم باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، كۆز قاراڭغۇلىشىش، نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك.

2. تەپەككۇرى ئاستا، ئىنكاسى ئاجىز بولۇش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرەلمەسلىك.

3. پۇت، قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇش، پۇت، قولىنىڭ سېزىمى ئاجىزلاش ياكى سېزىمىنى يوقىتىش.

4. قول تىتىرەش، ئۇيۇشۇش، تۇرمۇشتىكى ئاددىي قول ھەرىكەتلىرىنى قىلىشتا قىيىنچىلىق ھېس قىلىش.

5. تىلى ئۇيۇشۇپ قېتىۋېلىش، راۋان سۆزلىيەلمەسلىك.

6. ئېغىزى دائىم شىلىمشىق ھالەتتە تۇرۇش ياكى ئېغىزىدىن سۇ ئېقىشنى كونترول قىلالماسلىق.

7. ئۇيقىسى ناچار بولۇش، كۆپ چۈش كۆرۈش ياكى دائىم ئۇيقۇدى ئويغىنالماسلىق، ئويغانغاندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىش.

8. كەيپىياتىنى كونتىرول قىلالماسلىق.

9. ھەممە نەرسە دىتىغا ياقماسلىق، سەۋەبسىزلا ئاچچىقلىنىش.

10. دائىم سەنتۈرۈلۈپ كېتىش ياكى يېقىلىپ چۈشۈش.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.