قانداق قىلغاندا ئۆزىدىكى يۈرەك كېسىلىنى بايقىغىلى بولىدۇ
بىرنىچى، دۆڭگە ياكى پەلەمپەيگە چىققاندا ھاسىراش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىقلارنىڭ بار-يوقلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئىككىنچى، تومۇر سوقۇش قېتىم سانىنىڭ بىر مىنۇتتا 100 دىن ئاشقان-ئاشمىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئۈچىنچى، تومۇر سوقۇشنىڭ توختاپ قېلىش ئەھۋالى بار-يوقلۇقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
تۆتىنچى، دۆڭگە چىقىۋاتقان ياكى خىزمەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا ئىچى سىقىلىپ بىئاراملىق ھېس قىلىدىغان-قىلمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
بەشىنجى، پۇتتا دائىم ئىششىق كۆرۈلىدىغان-كۆرۈلمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ.
ئالتىنچى، كالپۇك ۋە تىرناقلارنىڭ كۆكۈش بىنەپشە رەڭلىك ئىكەنلىكى ياكى ئەمەسلىكىگە دىققەت قىلىنىدۇ.
ئەگەر سىزدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنىڭ ئىككىسى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۆرۈلسە، تىزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ يۈرىكىڭىزنى تەكشۈرتىشىڭىز لازىم. ئەگەر بىرسى كۆرۈلسە دىققەت قىلىشىڭىز، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز لازىم.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.