مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1305 رەت   / مەنبە: -

كىشىلەر خولېستېرىننىڭ چۆكۈشى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلى ئارتېرىيە قان تومۇرغا خەۋپ كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ. كېسەللىكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا، يۈرەك كېسىلى بىلەن يۇقىرى خولېستېرىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. لېكىن مېنىڭچە، يەنە بەزى خىمىيىلىك ماددىلارمۇ قىل قان تومۇرنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇلار ئۆپكە ئارقىلىق يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا كىرگەندە، كېسەللىك باشلىنىدۇ، مەن زىققە كېسىلى بابىدا چۈشەندۈرگەن، بەزى خىمىيىلىك ماددىلار قىل كانايچىلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇسىزلانغان ھالەتتە، سۇنىڭ ساقلىنىشى ۋە خىمىيىلىك ماددىلارنىڭ چىقىرىلىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەلۇم دائىرە ئىچىدە زىققە كېلىسىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. لېكىن ئوخشاش بولغان خىمىيىلىك ماددا ئۆپكە قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا كىرەلەيدۇ. ئۇلار يۈرەك قان تومۇرغا تەگكەندىن كېيىن، يۈرەك قان تومۇرلار دىۋارىنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۈرەك ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ - بۇنى يۈرەك سانجىقى دەيمىز. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.