1) كېسەللىك ناھايىتى جىددىي قوزغىلىدۇ، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ.
2) قان بېسىم روشەن دەرىجىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، كېڭىيىش بېسىمى MM130 ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولىدۇ.
3) باش ئاغرىيدۇ، كۆرۈش غۇۋالىشىدۇ، كۆز ئاستى قانايدۇ، كۆرۈش نېرۋا تەخسىسىدە سىرغىما ۋە سۇلۇق ئىششىق بولىدۇ.
4) بۆرەك زەخىملىنىشى روشەن بولۇپ، داۋاملىق قانلىق، ئاقسىللىق سۈيدۈك ۋە سىلىندىرلىق سۈيدۈك كېلىدۇ ھەمدە بۆرەك پائالىيىتى تولۇق بولماسلىق ئەگىشىپ كېلىدۇ.
5) تەرەققىي قىلىش سۈرئىتى: ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىلمىسا ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ، بۆرەك زەئىپلىكى، مېڭىگە قان چۈشۈشتىن ئۆلۈپ كېتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.