مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1692 رەت   / مەنبە: -

قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى

ئارقا-ئارقىدىن تېز سۈرئەتتە قېرىنچە غەيرىي ئورۇندىن چىققان دولقۇن قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كلىنىكىدا ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

1) تۇتقاقلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى.

2) تۇتقاقلىق بولمىغان قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى. 

3) بۇرۇلۇش تىپلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى.

1. تۇتقاقلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى

 تۇيۇقسىز باشلىنىپ، تۇيۇقسىز توختايدۇ. بۇ ئېغىر دەرىجىدىكى يۈرەك كېسەللىكلىرىدە كۆپ كۆرۈلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۇنىڭ ئاسارىتى بولغان قېرىنچە دىۋار ئكسمىسى، كونىرىغان يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، Q-T ئارىلىقى ئۇزىراش يىغىندى ئالامىتى ۋە ئىئونلار قالايمىقانلىشىش، دىگىتالىس، كۈينىدىن، پروكائىن ئامىد، تۆمۈر ياسالمىلىرى قاتارلىق دورىلار بىلەن زەھەرلىنىش، يۈرەك ئوپېراتسىيىسى، تاجىسىمان ئارتېرىيىنى سايىلاندۇرۇش ئوپېراتسىيىسى، يۈرەكنى ئۆتكۈزگۈچ نەيچە بىلەن تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئايرىم ھاللاردا پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش بولمىغان يۈرەك كېسەللىكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ.

2. تۇتقاقلىق بولمىغان قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى

بۇ، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، دىگىتالىس بىلەن زەھەرلىنىش، قاندا كالىي زىيادە يۇقىرى بولۇشلاردا كۆۈلىدۇ، ئايرىم ھاللاردا يۈرەكتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان كىشىلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ. 

دىئاگنوز قويۇش نۇقتىلىرى

1)بۇ خىل كېسەللەردە ئالاھىدە ئالامەتلەر بولمايدۇ، بۇنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن توختىشى تۇيۇقسىز بولمايدۇ. بۇ كېسەللىكتە يۈرەكنىڭ سىقىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتكەچكە، ئېغىر يۈرەك كېسىلى بار كېسەللەر ئۈچۈن ياخشى ئەمەس. 

2) ئېلېكتروكاردىئوگراممىدا يۈرەك سوقۇشى مىنۇتىغا 60-140 قېتىم (كۆپىنچە 70-80 قېتىم) بولۇپ رىتىملىق بولىدۇ. QRS دولقۇن گۇرۇپپىسى كەڭ ھەم غەيرىي بولۇپ كېلىدۇ. يۈرەك سوقۇش قېتىمى سىنۇسلۇق يۈرەك سوقۇشقا قارىغاندا تېزرەك بولىدۇ، دالانچە-قېرىنچە دولقۇنلىرى ئايرىلىدۇ. 

داۋالاش: بۇنداق كېسەللەرنى داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىگە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ ياكى ئاتروپىن ئىشلىتىپ، سىنۇسلۇق يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىش ئارقىلىق غەيرىي ئورۇنلۇق يۈرەك دولقۇنى يوقىتىلىدۇ.

3. بۇرۇلۇش تىپلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك تېزلىكى 

بۇرۇلۇش تىپلىق قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك سوقۇش تېزلىكى بولسا ئالاھىدە تىپلىق تېز سۈرئەتلىك قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى بولۇپ، ئادەتتىكى قېرىنچە مەنبەلىك يۈرەك ھەرىكەت تېزلىكى بىلەن يۈرەك قېرىنچىسى تىترەشكە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ كېسەللىك سەۋەبى، كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخانىزمى، دىئاگنوز قويۇش نۇقتىلرى ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى چوڭ ئالاھىدىلىكى بار. بۇ ئاساسلىق ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.