مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1480 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

  ئانار يۈرەك رېتىمى نورمال بولمىغان كىشلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ناھايتى باپ كېلىدۇ . ئانار شەربىتىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار بولۇپ ، بۇ ماددىلار قان تومۇر دىۋارىدا ياغلارنىڭ توپلىنىشىنى ئازايتىپ قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. 

      ئالىملار تەتىقىقات ئارقىلىق ئانارنىڭ يۈرەكنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان . ئامېرىكا تېببىي ئالىملىرىنىڭ‹‹كېلىنكىلىق ئوزۇقلۇق ئىلىمى››ژورنىلىدا تونۇشتۇرۇلۇشىچە،ئارتىرىيە قېتىشىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك كېسەللىكلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا ئۈزۈم ھارىقىغا قارىغاندا ئانار شەربىتىنىڭ رولى تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن. ئەگەر بىر ئىستاكان ئانار شەربىتى ئىچىشنى ئۇدا ئىككى ھەپتە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ، خولىستىرىننىڭ ئوكسىدلىنىشى%40 ئازىيىپ ، چۆكمە ماددىلارنىڭ يىغىلىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان ئارتىرىيە قېتىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىكەن . قۇرۇتۇلغان ئانار ئۇرۇقىدىن ئېلىنغان ئانار كېسلاتاسىنىڭ مىقدارى%80 كە يېتىدۇ ، بۇ ئادەمنىڭ ئىممۇنتېت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى ئېسىل دورا ھېسابلىنىدۇ.

    ئانارنىڭ يەنە قىزىتمنى پەسەيتىش ، زەھەرنى ھەيدەش ، جىگەرنى ياخشىلاش ، قان تولۇقلاش ، قاننى جانلاندۇرۇش ، دەم سىقىشنى پەسەيتىش روللىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا ئانار گۈلى ۋە ئانار ئۇرۇقى ئىچى سۈرۈش، قان توختىتىش، ئاياللاردىكى ھەيىز ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىش قاتارلىقلارنى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.