كېسەللىك سەۋەبى ۋە پاتولوگىيىسى
ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلماسلىق كېسىلى توغما ياكى ئېرسىيەت خاراكتېرلىك (تۇغما غەيرىيلىك، غول ئائورتا كلاپانى شىلىمشىق ئۆزگىرىش)، ياللۇغ مەنبەلىك (رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى، يۇقۇملىنىشچان يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، سىفلىسلىق ئائورتا ياللۇغى) كېسەللىكلەر ۋە ياشانغانلاردىكى چېكىنىش خفراكتېرلىك ئائورتا كلاپانى ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقارغان كلىنىكىلىق كېسەللىك.
ئائورتا كلاپانى تولۇق يېپىلمىغاندا يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ قىسقىرىش دەۋرىدىكى قان ئېقىمى ئائورتىدىن قايتىپ سول يۈرەك قېرىنچىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سول يۈرەك قېرىنچىسى سول دالانچىدىن كەلگەن قاننى ۋە ئائورتىدىن قايتقان قاننى بىرلىكتە قوبۇل قىلىدۇ. ئۆتكۈر AI دا ئەگەر قايتقان قان مىقدارى كۆپ بولسا، سول يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سول قېرىنچىسىنىڭ كېڭيىش بېسىمى ئۆرلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ سول دالانچىنىڭمۇ بېسىمى ئۆرلەپ، ئۆپكىگە قان قېيىشنى ۋە ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سوزۇلما خاراكتېرلىك AI دا سول يۈرەك قېرىنچىسى بارغانسېرى كېڭىيىپ، يۈرەك سىرتىغا قاراپ قېلىنلاپ، سىغىم كۆتۈرۈش كۈچى ئارتىپ كېتىدۇ، يۈرەكنىڭ قان چىقىرىش مىقدارىنى ساقلاش ئۈچۈن، سول قېرىنچىنىڭ قسقىرىشى كۈچىيىپ، ئۆپكە ۋېنا بېسىمى مەلۇم بىر ۋاقىتقىچە ئۆرلىمەيدۇ. ئاخىرقى باسقۇچتا يۈرەككە قايتقان قان مىقدارىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چوڭايغان يۈرەك مۇسكۇلىنى تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىدىن ئېشىپ كېتىپ، ئائورتىنىڭ كېڭىيىش بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تاجىسىمان ئارتېرىيىنىڭ قان مىقدارى ئازلاپ يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا سول قېرىنچىنىڭ قىسقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، سول يۈرەك زەئىپلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
ئالامەتلىرى:
سوزۇلما خاراكتېرلىك بولغانلاردا كۆپ يىلغىچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. يۈرەكنىڭ قان مىقدارى ئېشىپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر مەسىلەن: يۈرەك يېقىمسىزلىنىش، يۈرەكنىڭ سوقۇشىغا ئەگىشىپ باشمۇ سوققاندەك ھېس قىلىش، يۈرەك ئالدى رايونى بىئارام بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاخىرقى باسقۇچىدا نەپەس قىيىنلىشىش، ئولتۇرۇپ نەپەس ئېلىش قاتارلىق سول يۈرەك زەئىپلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.