مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1703 رەت   / مەنبە: -

بۇنى يەنە نېرۋا قان ئايلىنىش ئاجىزلىق كېسىلىمۇ دەيدۇ. بۇ، نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلىنىڭ ئالاھىدە بىر تۈر. بۇنىڭ ئىپادىلىرى يۈرەك سېلىش، كۆكرەك ئاغرىش، نەپەس يېتىشمەسلىك، چارچاش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ بىلەن بىرگە نېرۋا ئاجىزلىق كېسىلنىڭ ئىپادىلىرىمۇ بولىدۇ. بۇ كېسەللىك ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاياللاردا ئەرلەرگە قارىغاندا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭ پاتو-ئاناتومىيىسىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلمەيدۇ، بىراق بۇ كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولغان يۈرەك كېسىلى بارلاردا بىرگە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كۆپىنچە، ئارتۇقچە چارچاش، كەيپىياتتىكى جىددىيلىك، روھىي جەھەتتە زەربىگە ئۇچراش قاتارلىق روھىي ئامىللارنىڭ تەسىرى بىلەن قوزغىلىدۇ ۋە ئېغىرلىشىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى بەزىدە ياخشى، بەزىدە يامان بولىدۇ-دە، كېسەللىك ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ، توغرا داۋالانمىغاندا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. 

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ھازىرغىچە ئېنىق ئەمەس. نۇرغۇن كۆز قاراشلاردا مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى تەكشى بولماسلىق، ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ پائالىيىتى قالايمىقانلىشىش، يۈرەك قان تومۇر پائالىيىتىدە غەيرىيلىك بولۇش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارالماقتا. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.