رېماتىزىملىق ياللۇغلىنىش ئائورتا كلاپانىنىڭ تۇتاشقان ئورنىنى ئۆز-ئارا چاپلاشتۇرۇپ قويۇپ، كلاپان قانىتىنىڭ تالالىشىشىنى، قېتىپ كالتسىيلىشىشىنى ۋە قىسقىرىپ تارتىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كلاپان ئېغىزى تارىيىپ كېتىدۇ. مانا بۇ ئائورتا كلاپانى تارىيىش (AS) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تۇغما كلاپان غەيرىيلىكى (تۇغما ئائورتا كلاپانى تارىيىش) ياشانغانلاردىكى چېكىنىش خاراكتېرلىك كالتسىيلاشقان ئائورتا كلاپانى تارىيىش قاتارلىقلارمۇ AS نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىلىنكىلىق ئىپادىسى
كلىنىكىدا ASنىڭ نەپەس قىيىنلىشىش، يۈرەك سانجىپ ئاغرىش ۋە ئايلىنىپ كېتىشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالامىتى بار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.