مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1164 رەت   / مەنبە: -

دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەممۇ تېنىدىكى خولېستېرىن، ترىگلىتسېرىد قاتارلىق ماي تەركىبلىرىنىڭ يۇقىرىلاۋاتقانلىقىنى ياكى يۇقىرىلاپ بولغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار قانغا چوڭقۇر يوشۇرۇنغان بولۇپ، ھېچكىم كۆرەلمەيدۇ، ئاڭلىيالمايدۇ، سىلاپ بىلەلمەيدۇ. بەلكىم ئادەمدە ھېچقانداق سېزىم بولمىغان ياكى روھىي ھالىتى ياخشى بولغان ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئاستا-ئاستا قاندا توپلىنىپ تۇرغان بولىدۇ. نورمال قىممەتتىن ئاشقاندا بولسا، شامال دارىش ۋە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بولۇشنىڭ خەتىرى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەگەر ئېرسىيەت خاراكتېرلىك دىئابېت كېسىلى، تاماكا چېكىش، يۇقىرى قان بېسىم قاتارلىقلار مەۋجۇت بولسا، خەتىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. 

قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان ئېغىر خەۋپىنى چۈشەنمەيدىغان نۇرغۇن كىشىلەر سالامەتلىكىنى تەكشۈرگەندە، قاندىكى ماي كۆپىيىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن تۇرۇقلۇقمۇ، ئۆزىدە ھېچقانداق بىئاراملىق ئالامىتى سەزمىگەچكە ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. ئۇلار بىر تال قەرەللىك پارتلايدىغان بومبىنىڭ بەدىنىگە يوشۇرۇنغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ. پۇرسەت بىردىنلا پىشىپ يېتىلگەندە، ئۇ بومبا پارتىلاپ سالامەتلىكىڭىزگە ئېغىر دەرىجىدە خەۋپ يەتكۈزىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.