مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1430 رەت   / مەنبە: -

    دوختۇرلار قان بېسىمى يۇقىرىلارغا تەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىش ، كۆپ ھەرىكەت قىلىش ، تۇزنى ئاز ئىستېمال قىلىش ، كالتىسىي ، ماگنىي ، كالىي ۋە ۋىتامىن D نى تولۇقلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ ، بۇنىڭدا يېمەك – ئىچمەكنى تەڭشەش ئىنتايىن مۇھىم ، قان بېسىمى يۇقىرىلار يېيىش – ئىچىش پرىنسىپىلىرىنى ئىگىلىۋېلىشتىن سىرت ، يەنە قايسى يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىۋېلىشى كېرەك .

    ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى . ياغسىزلاندۇرۇلغان كالا سۈتى – كالتىسىي ۋە ۋىتامىن Dنىڭ كېلىش مەنبەسى ، بۇ ئىككى خىل ماددىنىڭ ئورگانىك بىرلىشىشى بىلەن قان بېسىمى %3 تىن %10 كىچە تۆۋەنلەيدۇ ، بۇ نىسبەتەن ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ئۇ يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى %15 تۆۋەنلىتىدۇ . شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ، ياغسىز لاندۇرۇلغان كالا سۈتى قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان كۆڭۈللۈك يېمەكلىكتۇر .

    پالەك ، يېڭى ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى كۆپچىلىك بۇ يېمەكلىكلەرنى بىلسىمۇ ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە پالەك ، يېڭىدىن ئۈزۈلگەن ئاپتاپپەرەس ئۇرۇقى ، پۇرچاق تۈرلىرى ، مەسىلەن : قارا پۇرچاق ، ئاق قاقىلە ، ماش ، لىما پۇرچىقى ، سەي پۇرچىقى قاتارلىقلاردا ماگىنىي بولۇپ ، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدىغان ۋە قان بېسىمىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان مۇھىم ماددىدۇر . بۇ يېمەكلىكلەردە يەنە كالىي كۆپ بولۇپ ، ئوخشاشلا قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە تاقابىل تۇرىدۇ .

    پۇچۇلانغان تاتلىق ياڭيۇ ، بانان ۋە ماش ، بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشى ئۇنىڭدا كالىي بولغانلىقىدىندۇر . كالىي بىلەن ناترىي قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئېلېمېنت بولغاچقا ، قاندا كالىي ئازلىسا ، ناترىي كۆپىيىپ كېتىپ ، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . كالىي يېتەرلىك ئىستېمال قىلىنسا ، قاندىكى زىيادە ناترىي چىقىرىۋېتىلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىللە ، كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، تەندىكى مىنېرال ماددىلار تەڭشىلىدۇ ھەم قان بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ . ئەلۋەتتە ھەممە ئىشنىڭ چېكى بولىدۇ . كالىي مول يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مىقدارىغا دىققەت قىلىش كېرەك . ئۇ كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ، قان بېسىمى نورمال بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ .

    قارا شاكىلات: قان بېسىمى يۇقىرىلار كۈندە 30 كالورىيە ئىسسىقلىق مىقدارىدىكى قارا شاكىلات (تەخمىنەن 14 گرام  ) ئىستېمال قىلىپ تۇرسا ، ئۇنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە ياردىمى بولىدۇ ، شۇنداقلا باشقىچە ئاقىۋەت پەيدا بولمايدۇ .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.