قاننىڭ رەڭگى ۋە كېسەللىك
قىزىل قان: قان قىزىل بولسا، بۇ كېسەللكتىن خالىيلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ساغلام كىشىلەرنىڭ قېنى قىزىل بولىدۇ.
سۇس قىزىل قان: قان ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى. ساغلام ئەرلەرنىڭ قېنىدىكى قىزىل ئاقسىلنىڭ مىقدارى 12 گىرامدىن 16گىرامغىچە، ساغلام ئاياللارنىڭ بولسا 11 گىرامدىن 15 گىرامغىچە بولىدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، قان كەم بولغان ھېسابلىنىدۇ.
گىلاس رەڭ قىزىل قان: قاننىڭ رەڭگى مۇشۇنداق بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى كۆمۈر گازىدا زەھەرلەنگەنلەردۇر.
سۇس بىنەپشە رەڭ قان: قاننىڭ رەڭگى مۇشۇنداق بولۇپ قالغان كىشىلەر ئېغىر دەرىجىدىكى ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى ۋە تۇغما يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى بولۇشى مۇمكىن.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.