مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1076 رەت   / مەنبە: -

يۇقۇملىنىشچان يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى دېگىنىمىز، كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ قانغا كىرىپ، يۈرەك ئىچكى پەردىسىدە يەنى ئاساسلىقى يۈرەك كلاپان پەردىسىدە ياللۇغلىنىشنى پەيدا قىلىشى بولۇپ، بۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مىكرو ئورگانىزملار ئاساسلىق باكتېرىيە، ۋىرۇس، زەمبۇرۇغ ۋە رېككىتسىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كلىنىكىدىكى ئاساسلىق ئالامەتلىرىدىن قىزىتىش، يەرەكتە شاۋقۇن ئاۋازى ئاڭلىنىش ۋە قاندىن باكتېرىيە ئۆستۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەر بار. يۇقۇملىنىشچان يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغىنىڭ پەيدا بولۇشى، جەريانى، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ئورگانىزم ۋە كلىنىكىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئۆتكۈر خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىشچان يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى ۋە سۇس ئۆتكۈر يۇقۇملىنشچان يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.