نۇرغۇنلىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر ، بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يېمەكلىكنىڭ ساغلام بولماسلىقى ، زىيادە كۆپ يېيىش ، ئىسسىقلىق مىقدارى زىيادە يۇقىرى ، ماسلاشتۇرۇشنىڭ ئىلمىي بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بۇ كېسەللىكلەرنى دورا بىلەن داۋالاشتىن باشقا ، يېمەكلىك ئارقىلىقمۇ داۋالاش كېرەك . قورساقنى ئاچۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا ، مەخسۇس ماددا ئالمىشىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ، يۈرەك ، قان تومۇر كېسەللىكى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغىلى بولىدۇ .
قورساقنى ئاچۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى ھەقىقىي مەنىدىكى ئاچ قويۇش ئەمەس ، بەلكى ئىسسىقلىق مىقدارىزىيادە يۇقىرى بولغان قاتتىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق ياكى ئاز ئىستېمال قىلىش بولۇپ ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان سۇيۇق تاماقنى كۆپ يېيىشتۇر . بەدەن ئەھۋالىغا ئاساسەن ، ئىسسىقلىق مىقدارى تۆۋەن بولغان يېمەكلىك بىلەن داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ ، ۋىتامىن ، مىكرو ئېلېمېنت ۋە مېنېرال ماددا قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش كېرەك . قورساقنى ئاچۇرۇپ داۋالاش ئۇسۇلى بىر باسقۇچتا 2–4 ھەپتە بولسا بولىدۇ . ئاغرىق ھەر كۈنى پەقەت 3–2.5 لىتىر سۇيۇق يېمەكلىك يېيىشى ، تاماكا چەكمەسلىكى ، ھاراق ئىچمەسلىكى ، تەركىبىدە كوفېئىن بولغان ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىكى ، قەنت–گېزەك ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .
قورساقنى ئاچۇرۇپ داۋالاشقا ماس كېلىدىغان كېسەللىكلەر : ئىككىلەمچى دىيابېت كېسىلى ، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ، يۇقىرى قان بېسىمى ، سېمىزلىك ، تېرە كېسىلى ، باش ئاغرىش ۋە يەللىك بوغۇم ئاغرىقى قاتارلىقلار .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.