مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1057 رەت   / مەنبە: -

بىر دوستۇمنىڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىپ، كېيىن يۈرىكى توختاپ قالغاچقا دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇ ئىشخانىدا ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر ئامالسىز سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان. يۈرەك توختاپ مېڭىگە قان يېتىشمىگەنلىكتىن ئۇنىڭغا نېرۋا ئەگەشمە كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، يۈرەك كېسىلى قوزغاشتىن بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇنىڭ مەيدىسى بىلىنەر-بىلىنمەس ئاغرىشقا باشلىغان ھەمدە سۇ بىلەككە تارقاپمۇ ئاغرىغان. ئۇ ئاغرىقنى ئۆزى پەسىيىپ قالارمىكىن دەپ ئېتىبار بەرمىگەن. ئۇنىڭ خاتالىقى ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. كۆپچىلىك ناھايىتى ھەسرەتلەنگەن، كېسەلدىن كېيىن پەرۋىش قىلىشمۇ بىر قىيىن مەسىلە بولغان. 

ئەگەر ئۇ بىلىكىگە تارقىغان ئاغرىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئاستا خاراكتېرلىك سۇسىزلىنىش كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسىلى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ھەركۈنلۈك سۇ ئىچىش مىقدارىنى ئاشۇرغان بولسا بۇ خىل ئاپەت خاراكتېرلىك، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغان ئازابقا دۇچار بولمىغان بولاتتى. ئەگەر سىزدە يۈرەك سانجىقى بولسا، سىزنى سۆيىدىغان سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر ئۈچۈن بولسىمۇ، كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىڭىزنى كۆپەيتىشنى ئۇنتۇماڭ، ھەمدە بەدەن چېنىقتۇرۇڭ-سەيلە قىلىڭ، سەيلە قىلىڭ يەنە سەيلە قىلىڭ !


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.