مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1892 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۈرەك قېپىغا سۇ يىغىلىش بولسا،  يۈرەك قېپى بوشلۇقىغا سۇيۇقلۇقلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىغا قارىتىلغان بولۇپ،  يىغىلغان سۇ سىل خاراكتېرلىك،  يىرىڭلىق خاراكتېرلىك،  قان خاراكتېرلىك بولىدۇ.  ئەگەر سۇيۇقلۇق يىغىلىش تاسادىپىي كۆپىيىپ كەتسە،  يۈرەك قېپى بوشلۇقىنىڭ بېسىمى ئېشىپ،  يۈرەكنىڭ ئېچىلىش دەۋرىدىكى كېڭىيىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ،  نەتىجىدە يۈرەككە كىرىدىغان قان مىقدارى ئازلاش بىلەن يۈرەك چىقىرىش مىقدارى تۆۋەنلەپ،  دالانچە ئىچى بېسىمى،  قېرىنچە ئېچىلىش دەۋرلىك بېسىمى ھەمدە پۈتۈن بەدەندىكى ۋېنالار بېسىمى ۋە ئۆپكە قان ئايلىنىش بېسىمى قاتارلىقلار ھەممىسى ئۆرلەپ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.  

ئالامىتى: يۈرەك ئالدى رايونىدا بېسىلىش سېزىمى بولىدۇ.  نەپەس قىيىنلىشىدۇ.  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۆتىلىش،  ھېق تۇتۇش،  قوشنا ئەزالارنىڭ بېسىلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.  ياللۇغ خاراكتېرلىكتە يەنە قىزىش،  يۈرەك ئالدى رايونىدا ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.  قورساق كۆپۈش بولىدۇ.  يىرىڭلاش خاراكتېرلىكتە يۇقىرى قىزىتما بولىدۇ.  سىل خاراكتېرلىكتە تۆۋەن قىزىتما بولىدۇ.  يۈرەك قېپى بېسىلغاندا شوك بولىدۇ.  

بەدەن بەلگىسى:قاراپ تەكشۈرگەندە ئالدىغا ئىڭىشىپ ئولتۇرۇش،  بويۇن ۋېناسى كۆپۈش،  نەپەس قىيىنلىشىش بولىدۇ.  تۇتۇپ تەكشۈرگەندە يۈرەك ئۇچى سوقۇشى ئاجىزلايدۇ ياكى يوقىلىدۇ.  تومۇر سوقۇشى تېز ھەم ئۇششاق بولۇپ،  غەيرىي تومۇر ئىپادىلىنىدۇ.  چېكىپ تەكشۈرگگندە يۈرەك بوغۇق تاۋۇش چېگراسى ئىككى تەرەپكە قاراپ كېڭىيىپ،  نىسپىي بوغۇق تاۋۇش چېگراسى بىلەن مۇتلەق بوغۇق تاۋۇش چېگراسى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنداقلا بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك تاۋۇشى ئاجىزلايدۇ ھەم يىراق بولىدۇ.  يۈرەك رېتىمى تېزلىشىدۇ.  يۈرەك ئالدى رايونىدىن بەزىدە يۈرەك قېپى سۈركىلىش تاۋۇشى ئاڭلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋېنا بېسىمى يۇقىرىلايدۇ.  ئارتېرىيە قىسقىرىش بېسىمى تۆۋەنلەپ،  ئېچىلىش بېسىمى نورمال بولىدۇ.  بۇنىڭ بىلەن تومۇر بېسىمى كىچىكلەيدۇ.  جىگەر كۆرۈنەرلىك دەرىجخدە چوڭىيىش بىلەن قورساق سۈيى بولىدۇ.  ئاياغ مۈچە ۋە يۈز قىسىملاردا ئىششىق پەيدا بولىدۇ. جىگەر بويۇن ۋېنا قايتىش مۇسپىي بولىدۇ.  

لابوراتورىيەلىك تەكشۈرگەندە يۈرەك قېپىدىن سۇيۇقلۇقنى تەكشۈرۈشنىڭ دىياگنوز ئۈچۈن ياردىمى بولۇش بىلەن بىللە يىغىلغان سۇيۇقلۇقنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ. سىزىپ چىققان سۇيۇقلۇق بولسا ياللۇغ خاراكتېرلىك بولىدۇ. رېنتېگىندە تەكشۈرگگندە يۈرەكنىڭ سايىسى ئىككى تەرەپكە كېڭىيىپ كولبا شەكىلگە كىرىش بىلەن بىللە، بەدەن ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشىگگ ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.  يۈرەك ئۇچىنىڭ سوقۇشى ئېنىق بولمايدۇ. ECG دا تەكشۈرگەندە ئېلېكتېر بېسىمى تۆۋەن بولۇپ، T دولقۇن تۈز ياكى تەتۈر چۈشىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.