مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1217 رەت   / مەنبە: ‹‹شىنجاڭ پەن–تېخنىكا گېزىتى›› دىن ئېلىندى

ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاش ئۇخلاشتىن ئىلگىرى پۇتنى ئىلمان سۇغا چىلاپ بەرسە ، پۇت ۋە پۈتۈن بەدەندىكى ئىنچىكە سوققاق تومۇر (ئارتېرىيە) ، سوقماس تومۇر (ۋېنا) لار ۋە قىلدام قان تومۇرلار كېڭىيىپ ، كېچىدە قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ياردەم بېرىدۇ . 

   سەيلە قىلىش ئۇخلاشتىن ئىلگىرى 15–20 مىنۇت سەيلە قىلسا ، نېرۋا ئىچكى ئاجرىتىش ئىقتىدارىنى تەڭشەپ ، كېچىسى قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىشنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ . 

   خىيال سۈرۈش تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە ، خىيال سۈرۈش مەشىقى قىلغاندا قان بېسىمنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 4–7 مىللىمېتىر سىماب تۆۋرۈكى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن ھەمدە قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلەش ۋاقتى بەش ئايدىن يۇقىرى بولىدىكەن . كەچتە ئۇخلاش ئالدىدا پۈتۈن بەدەننى ئەركىن قويۇۋېتىپ ، ھەر قېتىم نەپەس ئالغاندا مەلۇم بىر جۈملە سۆزنى تەكرارلاش ، ھەر قېتىمدا 10–15 مىنۇت داۋاملاشتۇرۇش كېرەك . 

   كۈندە بىر بانان يېيىش بانان تەركىبىدە كالىي مول بولۇپ ، داۋاملىق ئىستېمال قىلسا ، كالىي كەملىكتىن كېلىپ چىقىدىغان كېچىسى قان بېسىم ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . 

   كەچتە قۇرۇلغان كەرەپشە يېيىش كەرەپشە تەركىبىدە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دانەكچە مېيى ، ماننىتول ۋە كەرەپشە ئېلېمېنتى بار . يەنە كەرەپشە تەركىبىدىكى ئالكالوئىد تىنىچلاندۇرۇش رولىنى ئويناپ ، ئۇخلاشقا ياردەم بېرىدۇ . 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.