مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1732 رەت   / مەنبە: -

ئۆزىدە يۇقىرى قان بېسىم بارلىقىنى بايقىغان بىمارلار قان بېسىمنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئەپسۇسكى، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتكەن بىمارلارنىڭ %97 نىڭ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان يۇقىرى قان بېسىم بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم ياكى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. %3 يۇقىرى قان بېسىم بىمارلىرىنىڭ ئېنىق سەۋەبى بولۇپ، بۇ خىل يۇقىرى قان بېسىم ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم ياكى سىمپتوملۇق يۇقىرى قان بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم باشقا كېسەلىكتىن كېلىپ چىققان ياكى ئېنىق بىر كېسەللىكنىڭ كلىنىكىدىكى ئىپادىسى ياكى ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدىن ئىبارەت.

يۇقىرى قان بېسىم دىئاگنوزى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن قان بېسىمنىڭ نورمال بولۇشى بىرلەمچى ياكى ئىككىلەمچى سەۋەبتىن بولغانلىقىنى ئېنىق ئايرىشىمىز كېرەك. بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىمنىڭ ئېنىق سەۋەبى بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ كېسەل سەۋەبىنى داۋالاشقا بولمايدۇ. بۇنىڭ ئاساسلىق داۋالاش ئۇسۇلى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىزچىل قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنىڭ ئىچىش، شۇ ئارقىلىق يۈرەك، مېڭە، بۆرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى كېچىكتۈرۈش، ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى گەرچە ئاز ئۇچرىسىمۇ ئۇنىڭ ئېنىق كېسەللىك سەۋەبى بولغاچقا، كېسەل سەۋەبىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن ئۇنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، قان بېسىمىنى ئۈزۈل-كېسىل كونترول قىلغىلى بولىدۇ، بىمارلارنىڭ يەنە ئۇزۇن مەزگىل يۇقىرى قان بېسىمىغا قارشى دورىلارنى ئىچىشى ھاجەتسىز. ئەكسىچە ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنى دەل ۋاقتىدا بايقىمىغاندا، قان بېسىمغا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى دېگەندەك ياخشى بولمايدۇ. كۈچلۈك دورىلار بىلەن داۋالاش ئارقىلىقمۇ قان بېسىم تۆۋەنلىمىسە، ئىككىلەمچى يۇقىرى قان بېسىمىنىڭ كېسەللىك سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان-ئېنىقلانمىغانلىقىغا ھوشيار بولۇش كېرەك. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.