مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1166 رەت   / مەنبە: -

بىزنىڭ يۈرىكىمىز قاننى خۇددى «پومپا» دەك ئۈزلۈكسىز، رىتىملىق ھالدا پۈتۈن بەدىنىمىزدىكى ئارتېرىيىلەرگە سىقىپ چىقىرىپ بېرىدۇ. ئارتېرىيە بولسا خۇددى يېپىق ھالەتتىكى «تۇرۇبا» دىن ئىبارەت. قان ئارتېرىيىدىن ئېقىپ ئۆتكەندە ئارتېرىيە دىۋارىغا چۈشكەن بېسىم كۈچى، قان بېسىم دەپ ئاتىلىدۇ. دوختۇرلار ئادەتتە ئۆلچەيدىغىنى ئوڭ بىلەك قان بېسىمى بولۇپ، كىلو پاسكال ياكى مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىنىدۇ.

(KPa = كىلو پاسكال)  (mmHg = مىللىمېتىر سىماب)  بىر كىلو پاسكال 7.5 ممىلىمېتىر سىمابقا تەڭ بولىدۇ.

قان بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ئىككى شكالا سانى بولىدۇ، بىرى،«يۇقىرى بېسىم» يەنى قىسقىرىش بېسىمى بولۇپ، يۈرەك قىسقىرىغاندىكى قان بېسىمنى كۆرسىتىدۇ؛ يەنە بىرى، «تۆۋەن بېسىم» يەنى كېڭىيىش بېسىمى بولۇپ، يۈرەك كېڭەيگەن چاغدىكى قان بېسىمىنى كۆرسىتىدۇ.

قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان بېسىمىنىڭ نورمال قىممىتى: قىسقىرا بىسىمى 18.7 كىلوپاسكال (140 ممىلىمېتىرسىماب) دىن، كېڭىيىش بېسىمى 12.0 كىلوپاسكال (90 مىللىمېتىرسىماب) دىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر بۇنىڭدىن بىرى ئېشىپ كەتكەن بولسا بۇنى يۇقىرى قان بېسىم دەيمىز.

جىددىي ھەرىكەت قىلغاندا، جىددىيلەشكەندە ۋە ھاياجانلانغاندا، ئۆتكۈنچى خاراكتېرلىك قان بېسىمى يۇقىرىلاش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. قورساق تويغاندىن كېيىنمۇ قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاستىن ئىبارەت. بۇنداق ئەھۋالدا «يۇقىرى قان بېسىم» دەپ دىئاگنوز قويۇشقا بولمايدۇ. پەقەت تىنچ ھالەتتە ئولتۇرغۇزۇپ ياكى ياتقۇزۇپ، قان بېسىمنى ئۆلچەش كېرەك. ئەگەر ئۆلچەنگەن قان بېسىمى نورمال بولمىسا 10 مىنۇت دەم ئالغۇزۇپ، قايتا ئۆلچەپ سېلىشتۇرۇش كېرەك. دەسلەپتە يۇقىرى قان بېسىم بايقالغاندا، ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتتا تەكرار ئۆلچەنگەن قان بېسىمغا دىققەت قىلىش لازىم. ئەگەر قان بېسىم يەنە يۇقىرى بولسا، ئاندىن قان بېسىمنىڭ نورمالسىز يۇقىرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى ئويلىشىمىز. بۇرۇن «يۇقىرى قان بېسىم» دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولسا، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىچكەندىن كېيىن قان بېسىمى نورمال بولغان بولسىمۇ، يەنىلا يۇقىرى قان بېسىم دەپ قارايمىز.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.