مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 969 رەت   / مەنبە: -

ئىككى قاناتلىق كلاپاننىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق تۈزۈلۈشلەر (كلاپان قانىتى، پەي تاناپچىسى، شورىغۇچىسىمان مۇسكۇل ۋە كلاپان ھالقىسى) نىڭ نورمالسىزلىنىشىشى، قىسقىرىش دەۋرىدە قاننىڭ ئىككىق قاناتلىق كلاپاندىن تەتۈر ئېقىشىنى پەيدا قىلىپ، ئىككى قاناتلىق كلاپاننىڭ تولۇق يېپىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

سوزۇلما خاراكتېرلىك MI دا سول يۈرەك قېرىنچىسى قىسقىرىغاندا سول يۈرەك دالانچىسىغا قايتىدىغان قان مىقدارى كۆپىيىپ، سول دالانچە ئاستا-ئاستا كېڭىيىپ، سول دالانچە ئىچكى بېسىمى ئۆرلەيدۇ. كلىنىكىدا كومپېنساتسىيە دەۋرى ئۇزاق بولۇپ، سول دالانچە ۋە قېرىنچە كۆرۈنەرلىك يوغىنايدۇ. ئۇزۇن مەزگىل مۇشۇ ھالەتتە داۋاملاشسا، يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك MI دا، دەسلەپكى مەزگىلدە قايتقان قان مىقدارى كۆپ بولغاندا سول يۈرەك دالانچە ۋە قېرىنچىسىنىڭ سىغىمچانلىقى تېزلىكتە ئېشىپ، بېسىمى ناھايىتى تېزدىن ئۆرلەپ، ئۆتكۈر خاراكتېرلىك سول يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆپكە سۇلۇق ئىششىقىنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن سول يۈرەك دالانچە ۋە قېرىنچىسىنىڭ يوغىنىشى سوزۇلما خاراكتېرلىك MI بىمارلىرىغا قارىغاندا يېنىك بولىدۇ. 

ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقان سول يۈرەك زەئىپلىكى ۋە ئۆپكە ئارتېرىيە بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى ئوڭ يۈرەككە تەسىر قىلىپ، ئوڭ يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.