مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1266 رەت   / مەنبە: -

   1.تېز ئورۇقلاشتىن ساقلىنىشى كېرەك . بەدەن ئېغىرلىقى تېز يېنىكلىگەندە ، كۆپ مىقداردىكى ئاقسىل ۋە مۇسكۇل تولۇقلىمىلىرى ئازىيىپ ، يۈرەك مۇسكۇل توقۇلمىلىرى ئازىيىپ ، يۈرەك مۇسكۇل توقۇلمىسىنىڭ زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ . 

    2.تويۇنۇپ غىزالىنىشتىن ساقلىنىشى كېرەك . ئۈچ ۋاخ تاماقنى تويۇنۇپ يېگەندە ، ئاشقازان دىۋارى كېڭىيىپ ، ئۆپكىنىڭ ئىچكى بېسىمى ئېشىپ كېتىدۇ . يۈرەكنىڭ ماددا مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولىدۇ . 

    3.كېچىسى كىچىك تەرەتكە كۆپ قوپۇشتىن ساقلىنىشى كېرەك . يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېچىسى كىچىك تەرەتكە كۆپ چىقىشى خەتەرلىك . 

    4.ياغ ئىستېمال قىلماسلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك . تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم بېلىق ، گۆش ۋە ياغ ئىستېمال قىلسا ، خەتەرگە يولۇقۇش نىسبىتى ياغ ئىستېمال قىلمايدىغانلار ۋە تالا ماددىسى نىسبىتەن يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدىغانلارغا قارىغاندا %30 تۆۋەن بولىدىكەن . يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ھەر كۈنى ئۈچ ۋاخ تاماقتا بېلىق ۋە قۇش گۆشلىرىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ، يۈرەككە پايدىكى باركەن . 

    5.قىچا يېغى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك . قىچا يېغى تەركىبىدە %40 مىرونىك كىسلاتاسى بار بولۇپ ، يۈرەك كېسىلىگە گىرپتار بولغانلار بۇ ياغنى ئىستېمال قىلسا ، قان تومۇر دىۋارى قېلىنلىشىپ ، يۈرەككە ياغ يىغىلىۋالىدۇ – دە ، كېسەللىك ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ .   

    6.سەھەردە يۈگۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك . سەھەردە يۈگۈرۈش يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭا پىيادە مېڭىش ، ئاستا ، يېنىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.