مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1806 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك كېسىلىنىڭ قول دۈمبىسىدىكى ئالامىتى

بەزى كىشىلەرنىڭ قول دۈمبىسىدىكى تومۇرى ناھايىتى روشەن بولۇپ، تومۇرلىرى خۇددى يېرىلىپ كېتىدىغاندەك كۆپۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. بىز ئاددىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ باقايلى: قولىمىزنى تۈپتۈز سوزۇپ، 45 گرادۇس قىيپاش تۆۋەنگە چۈشۈرىمىز، بۇ چاغدا تومۇر يەنىلا كۆپۈشكەن ھالەتتە تۇرىدۇ، ئارقىدىنلا قولىمىزنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، 45 گرادۇس قىيپاش قىلغاندا، قان تۆۋەنگە ئېقىپ تومۇر كۆپمەيدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتىمۇ تومۇر كۆپسە، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامىتى ئىكەنلىكىدىن ياكى يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ تولۇق بولمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.