مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1020 رەت   / مەنبە: -

بۇ، كلىنىكىدا ئەڭ كۆپ ئۇچىرايدىغان داۋاملىشىش خاراكتېرلىك قېرىنچە ئۈستى مەنبەلىك يۈرەك رىتىمسىزلىقى، پاتولوگىيىلىك يۈرەك كېسىلى بارلاردا پەيدا بولىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىدە يۈرەك كېسىلى بولمايدۇ، شۇنداقلا ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ پەيدا بولىدۇ. دالانچە تىترەش ياشانغانلاردىكى مېڭىگە قان چۈشۈشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى. بولۇپمۇ دالانچە تىترىگەن ياشانغانلارنى تىڭشاپ تەكشۈرگەندە يۈرەك تاۋۇشى كۈچلۈك، ئاجىز بولۇپ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېلېكتروكاردىئو. بۇ P دولقۇنى يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى F دولقۇنى ئالىدۇ. بۇ F دولقۇننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ھەم شەكلى ئوخشاش بولمايدۇ. كىچىك F دولقۇنلار ئارىلىقى تەڭ بولمايدۇ، سېلىش چاستوتىسى ھەر مىنۇتىغا 350-600 قېتىم ئەتراپىدا بولىدۇ. 

كېسەللىك سەۋەبى:

%70 بىمارلاردىكى دالانچە تىترەش پاتولوگىيىلىك يۈرەك كېسىلى بارلاردا پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى كلاپانلىق يۈرەك كېسىلى (بولۇپمۇ ئىككى قاپقاقلىق كلاپان كېسەللىك ئۆزگىرىشى)، بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى (بولۇپمۇ سول يۈرەك قېرىنچىسى چوڭايغانلاردا پەيدا بولىدۇ)، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، قېلىنلاش ياكى كېڭىيىش تىپلىق يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، يۈرەك ئۆسمىسى، تارىيىش خفراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان پۇلتىيىپ چىقىش، سوزۇلما ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى، ئىككى قاپقاقلىق كلاپان ھالقىسى كالتسىيلىشىش، قان تولۇش خاراكتېرلىك يۈرەك زەئىپلىكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر مۇشۇ سەۋەبلەر يوقالسا ياكى داۋالاپ ساقايتىلسا دالانچە تىترەشمۇ قوزغالماسلىقى مۇمكىن. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.