مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2408 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

ئامېرىكىنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ، ئومىگا–3 ياغ كىسلاتاسى مول بولغان بېلىق يېغى يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن ، يەنە بەزى يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىگە شىپا بولىدۇ . 

ئامېرىكا يېڭى ئورىلىئان شتاتى ئوزنا ئامبولاتورىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ‹‹ ئامېرىكا يۈرەك كېسىلى ئىنىستۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى›› نىڭ 8–ئايدىكى سانىدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدۇ : 40 مىڭدەك ئادەمنى تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە قارىغاندا ،بېلىق يېغى يۈرەك قان تومۇرى كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي ، يەنە يۈرەك دالانچىسى تالاسى تىترەش ، يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ، ئارتېرىيە قېتىش ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق كېسەللەرگە شىپا بولىدۇ . 

تەتقىقاتچىلار : ئادەتتە كىشلەر كۈندە ئومېگا–3 ياغ كىسلاتاسىنى 500 مىللىگرام ئىستېمال قىلسا ، يۈرەك كېسىلى بارلار كۈندە 800–1000 مىللىگرامدىن ئىستېمال قىلسا مۇۋاپىق بولىدۇ ، دېدى .

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.