دوختۇرلارنىڭ قارىشىچە، سىزنىڭ نېمە كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىڭىزنى ئېيتىپ بەرسىلا، سىز ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغانلىق بولىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم (بىرلەمچى يۇقىرى قان بېسىم) بولسا، بەدەننىڭ سۇ يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن ئېلىپ بارغان ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
بەدەن قان سۇيۇقلۇقى ئېقىم مىقدارى ۋە توقۇلمىلار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە قاراپ، ئوخشاش بولمىغان قان تومۇرلىرىنى ئاچىدۇ ياكى ئېتىدۇ. بەدەندىكى سۇيۇقلۇقنىڭ ئېقم مىقدارى كېمەيگەندە، ئاساسلىق قان تومۇرلارنىڭ دىئامېتىرى تارىيىدۇ (ئىچكى بوشلۇق ئېتىلىدۇ) نەتىجىدە ئىچكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇدەك يېتەرلىك سۇيۇقلۇق بولمايدۇ. ئەگەر قان تومۇرلار << سۇ مىقدارى>> غا قاراپ تەڭشەش ئېلىپ بارمىسا گازلار ئىچكى بوشلۇقلارغا قىستىلىپ كىرىپ، قان سۇيۇقلۇقىنى بۆلۈۋېتىپ <<گاز نۆكچىسى>> نى پەيدا قىلىدۇ. قان تومۇرلارنىڭ سۇيۇقلۇق ئېقىم مىقدارىغا قاراپ ئىچكى بوشلۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىشى سۇيۇقلۇقلار كۈچ ئىلمىنىڭ پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇ بولسا ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك لايىھە بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ قان ئايلىنىشى مۇشۇ پرىنسىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
قان ئايلىنىشىدا دائىم تارماق ئېقىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. تاماق يېگەندە كۆپ قىسىم قان ئۈچەيلەرگە قاراپ ئاقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا ئورۇنلاردىكى بىر قىسىم قىلدام قان تومۇرلار ئېتىلىدۇ.
ئاشقازان ئۈچەيلەرنىڭ قىلدام قان تومۇرلىرىنىڭ ئېچىلىشى كۆپرەك، مۇسكۇللارنىڭ قىلدام قان تومۇرلىرىنىڭ ئېچىلىشى ئازاراق بولىدۇ. قان ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا كېرەك بولىدىغان قىلدام قان تومۇرلارلا پۈتۈلەي ئېچىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا قان ئايلىنالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، تومۇرلارنىڭ مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە قاننى كونترول قىلىش ئىقتىدارى قاننىڭ ئېقىش يۆنىلىشى ۋە ئېقىش سۈرئىتىنى بەلگىلەيدۇ.
بۇ بىر خىل تەبىئىي شەكىللەنگەن جەريان بولۇپ، مۇھىم ئىشلارنى ئاۋۋال بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئارتىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھەزىم قىلىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئاشقازان-ئۈچەيلەرنىڭ قانغا ئېھتىياجى ئازلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشقا ئورۇنلاردىكى قان ئايلىنىش سىستېمىسى ناھايىتى ئاسانلا ئېچىلىپ كېتىدۇ. مۇنداق بىر كۆپ ئۇچرايدىغان ئەمەلىي مىسال بار. تاماق يەپ بولۇپلا ھەرىكەت قىلغۇمىز كەلمەيدۇ. ئومۇمەن بەدەندە بىرخىل ئىلگىرى-كېينلىكنى بەلگىلەيدىغان مېخانىزم بار بولۇپ، ئۇ ئېغىر-يېنىكلىك ۋە جىددىي-ئاستىلىققا ھۆكۈم قىلالايدىغان بولۇپ، قاننى ئاۋۋال قايسى ئورۇنلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشى، قايسى قىلدام قان تومۇرلارنى ئېچىش ۋە قايسى قىلدام قان تومۇرلارنى ئېتىشنى بەلگىلەيدۇ. بۇ تەرتىپ بولسا فۇنكىسىيە مۇھىملىقىغا ئاساسەن ئالدىن بېكىتىلگەن. سىستېمىغا باشقىچە تىزىلىش تەرتىپى بېكىتىلىپ قويمىغاندا چوڭ مېڭە، ۋە تېرىگە قارىغاندا ئەۋزەل تەرتىپكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر بەدەننىڭ مەلۇم بىر ئورنىنىڭ قاننىڭ تەمىنلىشىگە بولغان ئېھتىجانى مەسىلەن: دائىملىق بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ھەرىكىتى، مۇسكۇلنى چېنىقتۇرۇشقا ئوخشاش، قان تەمىنلەش تەرتىپىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.