مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 3104 رەت   / مەنبە: تەڭرىتاغ تورى

تۈگمىگۈل چېيى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ئامېرىكاتافېرىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە ، تۈگمىگۈل (ھىندى پەرەڭگۈلى) نىڭ قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى يۇقىرى ئىكەن . تۈگمىگۈل تەركىبىدىكى خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنىڭ قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم رولى بار ئىكەن . 

تۆۋەن قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ئېگىز ياقىلىق كىيىمنى ئاز كېيىشى كېرەك . تۆۋەن قان بېسىمى ئاغرىقلىرى ياقىسى ئېگىز ، بويۇننى قىسىپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچى ئاز كىيىپ ، بويۇن ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ بېسىلىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان بېسىمى تۆۋەنلەپ ھوشىدىن كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك .

يۇقىرى بېسىملىق قازاندا پىشۇرۇلغان پۇرچاق قىيامىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ياخشى . پۇرچاقنى تويۇندۇرغاندىن كېيىن يۇقىرى بېسىملىق قازانغا سېلىپ سۇس ئوتتا پىشۇرۇپ ، ئاندىن شەربىتىنى سىقىپ چىقىرىپ ئىستېمال قىلسا ، ئۇنىڭدىكى ئوزۇقلۇق ئىئوننىڭ كۆپ قىسمى بۇزۇلۇپ ، ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلۈشى %95 تىن يۇقىرى بولىدىكەن . 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.