مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1009 رەت   / مەنبە: -

ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى ئېغىر ھەم ئۇزاققا سوزۇلىدىغان كېسەل بولۇپ، يۈرەك مۇسكۇلىغا قان يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولىدىغان، كلىنىكىدا دائىم كۆرۈلىدىغان ئىنتايىن خەتەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. 

1. يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى جىددىي قوزغالغاندا، بىمارنى ئۆز جايىدا تۈز ياتقۇزۇپ ئائىلىدە جىددىي قۇتقۇزۇش كېرەك. ياقىسى ۋە تاسمىسىنى بوشىتىپ، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇپ بېمارنىڭ نەپەسلىنىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش، بىمارنى يۆلەپ ماڭدۇرماسلىق ياكى بىمارنى يۆتكىمەسلىك، شارائىت بولسا دەرھال ئوكسىگېن شۈمۈرتۈش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە 120 گە تېلېفون قىلىپ سەھىيە خادىملىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈش لازىم. 

2. تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەكنى قوزغىتىش كومۇلىچىدىن 10 تال ئىچكۈزۈش، شارائىتى بارلار مۇسكۇلغا دولاتىندىن 150 مىللىگرام ئوكۇل سېلىپ، ئاغرىقنى پەسەيتىش لازىم. 

3. ئەگەر بىمار ئۇشتۇمتۇت ئېسىنى يوقىتىپ، تومۇرى سوقۇشتىن توختىسا، دەرھال يۈرەك، ئۆپكىنى جانلاندۇرۇپ ، كېسەل ئەھۋالى مۇقىملاشقاندىن كېيىن، دوختۇرخانىغا بىخەتەر يۆتكەپ جىددىي قۇتقۇزۇش لازىم. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.