قېنىمدا ياغ كۆپىيىپ كەتمىسۇن دېسىڭىز ، نەپسىڭىزنى يىغىڭ
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، دىئابىتقا گىرىپتار بولغانلار قېنىدىكى قەنت تەركىبىنى ياخشى تەڭشەش بىلەن بىللە ، قېنىدىكى ياغ تەركىبىنىمۇ تىرىشىپ تىزگىنلىشىشى كېرەك ئىكەن . بۇنىڭ ئۈچۈن ، دىئابىتقا گىرىپتار بولغانلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا يېمەك – ئىچمەك ، چېنىقىش قاتارلىق ئىشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك :
بىرىنچىدىن ، ھايۋانات يېغىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك ، ھايۋانات يېغىدا خولېستېرىن كۆپ . شۇڭا ئۇنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك .
ئىككىنچىدىن ، يۇقىرى خولېستېرىنلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستېمال قىلىشى كېرەك . ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزالىرى ، قاراقچى سىياھ بېلىقى ، تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى يېمەسلىكى ياغنى ئاز يېيىشى كېرەك .
ئۈچىنچىدىن ، مېۋە – چېۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش كېرەك . جۇڭگو تىبابىتى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا ، مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتلاردا ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى يۇقىرى بولمايدۇ . مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتاتنىڭ تەبىئىيتى مۆتىدىل بولۇپ ، ھۆل ئىسسىق پەيدا قىلمايدۇ . ھازىر كىشىلەر ياخشى يېمەكلىكلەرنى تاللاپ يەيدۇ ھەم كۆپ يەيدۇ . شۇڭا ئۇلارنىڭ ئۆپكە ۋە تال ئىقتىدارى ئاسان زىيانغا ئۇچرايدۇ ، ھۆل ئىسسىقى ئاسان قوزغىلىدۇ ، قاندىكى يېغىنى ئاسان ئۆرلىتىۋالىدۇ . مېۋە – چىۋە ، كۆكتات ، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا ، قاندىكى ياغنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
تۆتىنچىدىن ، تاماقنى تىزگىنلەش كېرەك . دىئابىتقا گىرىپتار بولغانلارنىڭ كۈندە يېگەن يېمەكلىك مىقدارى ئۇنىڭ ھەر كىلوگرام تەن ئېغىرلىقىغا 25 كىلوكالورىيىدىن توغرا كەلسە بولىدۇ . سەل سېمىزلەر كۈندىلىك يېمەكلىك مىقدارىنى بەش – ئالتە سەرئەتراپىدا تىزگىنلىشى كېرەك .
بۇنىڭدىن سىرت ، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشى كېرەك . ھەرىكەت يۇقىرى زىچ ئاقسىل ، خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ . ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن تېنىڭىزنىڭ يېنىكلەپ قالغانلىقىنى ھەم ئانچە – مۇنچە تەر چىققانلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ، بۇ ھەرىكەت سىجىللىقىنىڭ قان قەنتىنى كونترول قىلىشقا ئەڭ پايدىلىق بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.