قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈكلۈكى قېرىنچە ئارىلىق پاسىلىنىڭ يېتىلىشى تولۇق بولماسلىقتىن پەيدا بولىدىغان، قېرىنچىدىكى قان ئېقىمى سولدىن ئوڭغا قاراپ بۆلۈنۈپ ئاقىدىغان غەيرىي، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلنىڭ بىر تۈرى. ئۇ تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىچىدە %20 نى ئىگىلەيدۇ.
پاتو-فىزىئولوگىيىسى
چۈنكى سول قېرىنچە بېسىمى ئوڭ قېرىنچە بېسىمىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈك بولغاندا، قان سول قېرىنچىدىن ئوڭ قېرىنچىغا قاراپ ئاقىدۇ، كەمتۈك ئورۇن كىچىك بولسا، بۆلۈنىدىغان قان ئېقىم مىقدارى ئاز ھەم ئۆپكە قان تومۇر قارشىلىقى نورمال ياكى سەل يۇقىرى بولىدۇ. ئەگەر كەمتۈك ئورۇن چوڭ بولسا، بۆلۈنىدىغان قان ئېقىم مىقدارى كۆپ ۋە ئۆپكە قان تومۇر قارشىلىقى چوڭ بولىدۇ. مۇشۇ خىل ھالەتتە ئۇزاق مەزگىل داۋاملاشسا، ئاخىرىدا ئوڭ يۈرەك زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.