مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 2187 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك سېلىشنى كېسەللەر كۆپىنچە «يۈرەك قوزغىلىش» ، «يۈرەك سىقىلىش» ياكى «يۈرەك قالايمىقان سوقۇش» دېگەن ئىپادىلەر بىلەن تەسۋىرلەيدۇ، ئەمەلىيەتتە بولسا يۈرەك سوقۇش چاستۇتىسى، رېتىمى ياكى يۈرەك قىسقىرىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈرەك نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلغان بىر قىسىم كېسەللەر ئۆزلىرىنىڭ نورمال يۈرەك ھەرىكىتىنىمۇ شۇنداق دەپ ھېس قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل كېسەللەر ھەمىشە يۈرىكىم سېلىپ كەتتى دەپ دوختۇرغا كۆرۈنىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبى ۋە دىئاگنوز نۇقتىلىرى

1. يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشى: 

يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ زىيادە تېزلىشىشى ياكى ئاستىلىشى ۋە يۈرەك رىتىمى تەكشى بولماسلىقتەك ئەھۋاللاردا كېسەللەر يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. يۈرەكنى ئىنچىكىلىك بىلەن تىڭشاپ تەكشۈرۈش ياكى ئېلىكتروكاردىئوگراممىدا تەكشۈرۈشنىڭ يۈرەك رىتىمىنىڭ تەرتىپسىزلىنىشىگە دىئاگنوز قويۇشتا ياردىمى بولىدۇ.

2. يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىشى:

نورمال كىشىلەر كۈچلۈك ھەرىكەت قىلغاندىن كېيىن دائىم دېگۈدەك يۈرىكىنىڭ سالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنى ھەرىكەت قىلغاندا يۈرەك سىقىپ چىقارغان قان مىقدارىنىڭ ئارتىپ كېتىشى، يۈرەكنىڭ كۈچلۈك سوقۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. يۈرەك نېرۋا فۇنكىسىيىسى بۇزۇلۇش كېسىلى: 

بۇ خىلدىكى كېسەللەر يۈرەك سېلىشتىن باشقا يەنە باش ئاغرىش، باش قېيىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش، كۆپ تەرلەش، ئاسانلا چارچاش، نەپەس راۋان بولماسلىق قاتارلىقلاردىن زارلىنىدۇ. بەدەن تەكشۈرگەندە يۈرەك ھەرىكەت قېتىم سانى ئازراق تېزلەشكەندىن باشقا ئەھۋاللار ئاساسەن نورمال بولىدۇ.


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.