مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1692 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش-ھەرخىل سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان، يۈرەكنىڭ كېڭىيىشى ۋە قىسقىرىش ئىقتىدارى تۇيۇقسىز يوقاپ، قان سىقىپ چىقىرىشنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىغا قارىتىلىدۇ. 

كېسەللىك سەۋەبى: 

يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىغا يۈرەكنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئامىللىرى ۋە باشقا ھەرخىل كېسەللىكلەر سەۋەب بولىدۇ. يرەكنىڭ ئۆزىدىكى كېسەللىك ئامىللىرىدىن تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى يۈرەكنىڭ تۇيۇقىسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، تەخمىنەن %80 نى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا كلاپان كېسەللىكلىرى، يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى، ئېرسىيەت خاراكتېرلىك QT ئارىلىق دەۋرى ئۇزىراش ۋە بەزى تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

يۈرەككە مۇناسىۋەتلىك بولمىغان باشقا ئامىللاردىن توك سوقۇۋېتىش، چاقماق سوقۇش، ئېغىر دەرىجىدىكى ئېلېكترولىتلار قالايمىقانلىشىش، كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇش ۋە ھەرخىل دورىلاردىن زەھەرلىنىشلەر يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.