مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1875 رەت   / مەنبە: -

نېمە ئۈچۈن كالتسىي كەمچىل بولۇش قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ؟ بۇ تۆۋەندىكىدەك مېخانىزملار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا : 

1. كالتسىي ھۈجەيدە ئۈستىدە بىرىكىپ ، ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىپ ، غىدىقلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ،  قان تومۇرلارنى سىلىقلاشتۇرۇش بىلەن مۇسكۇلنى بوشاشتۇرىۋېتىدۇ . 

2. كالتىسىي ئارتېرىيە يوللىرىنى ئۈزۈپ قويىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ھۈجەيرە سىرتىدىكى كالتسىي ئىئونى ھۈجەيرە ئىچىگە كىرەلمەيدۇ . 

3. يۇقىرى كالتسىي كالىي ئىيونىنىڭ ھۈجەيرە پەردىسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ . 

4. بەزىلەر قان بېسىمنىڭ ئۆرلەپ كېتىشنىڭ %40 ى قالقانسىمان يان بەز بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ . قالقانسىمان يان بەز يۇقىرى دەرىجىدىكى قىزىقلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ، پولىپېپتىدلىق ماددىنى پەيدا قىلىدۇ . بۇ يۇقىرى قان بېسىمىنى پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ، ‹‹يۇقىرى قان بېسىمىنى پەيدا قىلغۇچى فاكتور›› دەپ ئاتىلىدۇ . يۇقىرى قان بېسىمنى پەيدا قىلغۇچى فاكتور تۆۋەن كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا ، غىدىقلاشنى كۈچەيتىدۇ . يۇقىرى كالتسىيلىق يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ، ئۇنىڭ پەيدا بولۇشىنى كونترول قىلىدۇ . 

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.