ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ۋىرۇسلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى كوكساكى ۋىرۇسى، B تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىقلار بار. ئەگەر ياللۇغ يامراش خاراكتېرىلىك بولغاندا كلىنىكىلىق ئىپادىسى ئېغىر بولىدۇ، ياللۇغ مەلۇم دائىرلىك بولغاندا كلىنىكىلىق ئىپادىلىرى نىسبەتەن يېنىك بولىدۇ. ئەمما چوڭلار كۆپىنچە ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ئاز ساندىكىلىرىدە ئاسانلا قايتىلىنىدۇ. كېسەللىك ۋاقتى ئۇزارغانسىېرى تەرەققىي قىلىپ سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىغا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
كېسەللىك سەۋەبى ۋىرۇسلۇق يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋىرۇسلارنىڭ ئىچىدە كوكساكى ۋىرۇسى ۋە تارقىلىشچان زۇكام ۋىرۇسى كۆپ ئۇچرايدۇ. دەسلەپتە ۋىرۇس يۈرەك مۇسكۇلىنى بىۋاسىتە زەخىملەندۈرىدۇ، ياللۇغ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ساقايمايدۇ، يۈرەك چوڭىيىدۇ، يۈرەك كۇسكۇلى جىددىيلىشىش بىلەن سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇل ياللۇغى ۋە يۈرەك مۇسكۇل كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى:
ئالامەتلىرى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يېنىك، ئوتتۇراھال، ئېغىر بولۇشىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. بالىلاردا كۆپىنچە ئېغىر، چوڭلاردا كۆپىنچە يېنىك بولىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى يېنىكلىرىدە ئالامەتلىرى ئېنىق بولمايدۇ. ئېغىرلىرىدا ئېغىر يۈرەك رېتىمسىزلىقى، يۈرەك ئىقتىدارى تولۇق بولماسلىق، يۈرەك مەنبەلىك شوك، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش كۆرۈلىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.