دالانچە-قېرىنچە ئۆتكۈزۈشى توسۇلۇش دېگىنىمىز، دالانچە-قېرىنچە تۇتاشقان ئورۇندا فىزىئولوگىيىلىك ئىنكاس قايتۇرمايدىغان دەۋرىدىن كېيىن يۈرەك دالانچە ئىمپۇلسىيىنىڭ كىچىكلىشى ياكى يۈرەك قېرىنچىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلمەسلىكىدىن ئىبارەت. دالانچە-قېرىنچە ئۆتكۈزۈشى توسۇلۇش ئادەتتە دالانچە-قېرىنچە تۈگۈنى، پۇركىنيە تالالىرى ۋە تۇتام شېخى قاتارلىق ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
نورمال كىشىلەردە ۋە تەنھەرىكەتچىلەردە ۋىنس ھادىسىسى تىپىدىكى دالانچە-قېرىنچە ئۆتكۈزۈشى توسۇلۇش كۆرۈلىدۇ. بۇ ئادەتتە ئاداشقان نېرۋىنىڭ كۈچىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى، يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى، رېماتىزم قىزىتمىسى، تۇغما خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلى، يۈرەك ئوپېراتسىيىسى، ئېلېكترولتلار قالايمىقانلىشىش ۋە دورىدىن زەھەرلىنىش سەۋەبلەر بار.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.