قاندىكى ماي كۆپىيىش كېسىلىنىڭ ئادەم تېنىگە بولغان ئەڭ چوڭ خەۋپى بولسا، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ تومۇرنى تارايتىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قان ئېقىمى ئاستىلاپ، قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئازلىتىۋېتىدۇ-دە، ئورگانىزمىدىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنىڭ ، ئەزالارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۆيىمىزدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئىشلىتىۋاتقان سۇ تۇرۇبىلىرىنىڭ سۇ دۇغىنىڭ يىغىلىپ چۆكمىگە ئايلىنىشىدىن تۇرۇبا يولى تارىيىپ، سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئوخشاش. ئەڭ ئوڭاي يۈز بېرىدىغان ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى يۈرەكنىڭ تاجىسىمان ئارتېرىيىلەردە بولۇپ، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكنى پەيدا قىلىپ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، يۈرەك مەنبەلىك تۇيۇقسىز ئۆلۈم يۈز بېرىدۇ. ئىپادىسى: يۈرەك ئېغىش، نەپەس قىسىلىش، كۆكرەك قىسمى بىئارام بولۇش، كۆكرىكى ئاغرىش، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، يۈرەك سانجىقى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئاندىن قالسا، مېڭە ئارتېرىيىسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى بولۇپ، مېڭىگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىپادىلىرى: باش قېيىش، باش ئايلىنىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆزى تورلىشىش، تۇتۇۋېلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، ئۇنتۇغاقلىق، بېشى توختاپ-توختاپ ياكى داۋاملىق ئاغرىش، بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىش، قۇلاق غۇڭۇلداش، ئېغىر بولغاندا دېۋەڭلىك، مېڭە يىگىلەش، مېڭە قان نۆكچىسى، مېڭە نۆكچە تىقىلمىسى قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۆرەك ئارتېرىيىسىنىڭ بوتقىسمان قېتىشىشىدا، بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولماي، بۆرەكتىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارى كېمىيىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدا بەل سىرقىراپ ئاغرىش، قان سىيىش، ئاقسىللىق سۈيدۈك، سۇلۇق ئىششىق قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.
مۇسكۇل، سۆڭەك ۋە بوغۇملار ئارتېرىيىسىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشى پەيدا قىلغان قان بىلەن تەمىنلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى پۈتۈن بەدەن سىرقىراپ ئاغرىش، ماغدۇرسىزلىنىش، پالەچ، بوغۇم ياللۇغى، ئېغىرلىرىدا مېيىپ بولۇش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.
پۇت-قوللار ئارتېرىيىسى بوتقىسىمان قېتىشسا پۇت-قوللار مۇزلاش، تومۇر ياللۇغى، ۋېنا ياللۇغى، ۋېنا ئەگرى بولۇش، ئېغىر بولغاندا ئاقساپ مېڭىش، پۇت-قوللار تىغ تەگكەندەك ئاغرىش، ھەتتا سېسىپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
بۇ كېسەللىكلەر ئىچىدە شامال دارىش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىنىڭ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە بولغان تەھدىتى ئەڭ چوڭ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.