جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ـــــ كۆپىنچە كۆكرەك ئۇستىخىنى كەينىنىڭ ئۇزۇنغىچە قاتتىق ئاغرىشى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. لېكىن بەزى يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولغۇچىلاردا كۆڭۈل ئېلىشىش، قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. چۈنكى يۈرەك مۇسكۇل ۋە يۈرەكنىڭ قان مىقدارىنىڭ ئازىيىپ كېتىش تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن، ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرىدا ئەكس تەسىرنىڭ پەيدا بولغانلىقىدىن بولىدۇ. تېببىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ياشنىڭ چوڭىيىشى، قاندىكى ماي مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، يۇقىرى قان بېسىمى، تاماكا چېكىش ھەم دىئابېت قاتارلىق كېسەللىكلەر تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىشنى پەيدا قىلىدىغان ئامىلللار ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر قۇسۇش، ئىچ سۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلسە، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا مۇنتىزىم دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرتۈپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.