ئادەم ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ، كۈتۈنۈشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك .
چوڭ مېڭە. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئادەمنىڭ مېڭە سىغىمى كىچىكلەپ، تۈرلۈك بېسىم تۈپەيلىدىن چوڭ مېڭىنىڭ يىگىلىشى تېزلىشىدۇ . ئامېرىكا ئالىملىرى ئۆيدە ئۆستۈرۈلگەن ئۆسۈملۈكنىڭ ئادەمنىڭ روھىي بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، مېڭىنى قۇۋۋەتلەپ، تەپەككۇرنى جانلاندۇرۇپ، قېرىشنى كىچىكتۈرىدىغانلىقىنى بايقىغان .
يۈرەك. ياش چوڭايغانسېرى ئارتېرىيە تومۇرلىرى ئاستا –ئاستا قېتىشىدىغان بولغاچقا قاننىڭ ئايلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، يۈرەك كېسەللىكى، شامالدارىپ قېلىش، كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشنى تېزلىتىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى 500 گىرام ۋىتامىن C تولۇقلىغاندا، ئارتېرىيە تومۇرلىرىنىڭ ئەۋرىشىملىكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ھەر كۈنى سەھەردە بىر ئىستاكان گىلاس شەربىتى ئىچىپ بەرسە، يۈرەكنىڭ بالدۇر زەئىپلىشىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
تېرە. يېتەرلىك ئۇيقۇ—تېرە ساغلاملىقىنىڭ مۇھىم ئامىلى. ئادەم دۈم ياتقاندا يۈز ياستۇققا سۈركىلىدىغان بولغاچقا، ئاسانلا قۇرۇق چۈشىدۇ، شۇڭا دۈم ياتقاندا، سىلىق ۋە يۇمشاق ياستۇقنى تاللىشى كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.