يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرەش ۋە تىترەش ناھايىتى ئېغىر بولغان، ھاياتلىققا خەتەر يەتكۈزىدىغان يۈرەك رىتىمسىزلىقى. يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرىگەندە يۈرەك تېز سالىدۇ، بىراق ئۈنۈمسىز قىسقىرىدۇ. يۈرەك قېرىنچىسى تىترىگەندە يۈرەك قېرىنچە سوقۇشى تېز بولۇپلا قالماي رەتسىز بولىدۇ. مانا بۇ ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا يۈرەك ئەمەلىيەتتە قان چىقىرىش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندەك بولىدۇ-دە، بەدەن قان ئايلىنىشى توختاپ قالىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
ھەرخىل ئېغىر دەرىجىدىكى پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىش ياسىغان يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ، شۇنىڭدەك پۈتۈن بەدەنلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا يۈرەك تەۋرەش بىلەن يۈرەك تىترەش پەيدا بولىدۇ. ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرىدىن تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، كېڭيىش خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل كېسىلىدىكى يۈرەك پائالىيىتى روشەن دەرىجىدە دەخلىگە ئۇچراش، ئېغىر دەرىجىدە قاندا كالىي ئازىيىش، تۇغما ياكى ناتۇغما كېسەللىكلەردىن بولغان T-Q ئارىلىقى ئۇزىراش قاتارلىقلار بار. شۇنداقلا يەنە يۈرەك ئوپېراتسىيىسى، توك سوقۇش، چاقماق ئۇرۇۋېتىش ۋە يۈرەك دالانچە تىترەش بىلەن يۈرەك قېرىنچە تېز سېلىش بىرگە كەلگەندىمۇ يۈرەك قېرىنچىسى تەۋرەش ۋە تىترەش پەيدا بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.