ئۆتكۈر يۈرەك زەئىپلىكى بولسا ئۆتكۈر يۈرەك كېسەللىكلىرى سەۋەبىدىن يۈرەكنىڭ قاننى سىقىپ چىقىرىشى كۆرۈنەرلىك ھەم ناھايىتى تېز تۆۋەنلەپ، توقۇلمىلارنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشى يېتەلىك بولماي كېلىپ چىقىدىغان ئۆتكۈر خااكتېرلىك قان يىغىلىۋېلىش يىغىندى ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. كلىنىكىدا ئۆتكۈر سول يۈرەك زەئىپلىكى كۆپ ئۇچرايدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى:
كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبلىرىدىن تۆۋەندىكىلەر بار بولغاندا تۇيۇقسىز قوزغىلىدۇ، تېز تەرەققىي قىلىدۇ، ئالامەتلىرى ئېغىر بولىدۇ، داۋالاشتا تېز تۇتۇش قىلىنمىسا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ.
1. كەڭ دائىرلىك ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى.
2. ئىككى قاناتلىق كلاپان تارىيىش بىلەن يۈرەك رىتىمى تېز بولۇش بىرگە كېلىش، باكتېرىيىلىك يۈرەك ئىچكى پەردە ياللۇغى سەۋەبىدىن كلاپانلار تېشىلىش ياكى كلاپان تارىمۇشلىرى ئۈزۈلۈش، سول يۈرەك دالانچىسىدىكى يېلىمسىمان ئۆسمە ئىككى قاناتلىق كلاپان ئېغىزىغا كەپلىشىپ قېلېش.
3. ئۆتكۈر تىپلىق ئالاھىدە يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكى، ئەسلىدىكى ئېغىر يۈرەك كېسەللىكى ئاساسىدا ئېغىر يۈرەك رىتىمسىزلىقى يۈز بېرىش، ئوكۇل سۇيۇقلۇقى تېز چۈشۈش.
4. تۇغما يۈرەك كېسەللىكلىرى، يۈرەك ئالاھىدە يوغىناش، ئۆپكە ئېغىر ياللۇغلىنىش، ئۆتكۈر سول يۈرەك زەئىپلىكى كۆرلۈش.
كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى:
بىمارنىڭ نەپەس ئېلىشى توساتتىنلا قىيىنلىشىپ، ئىختىيارسىز ئولتۇرۇپ نەپەس ئالىدۇ، تۇنجۇقۇش، چىرايى تاتىرىش، ئىچى سىقىلىش، كالپۇك كۆكىرىش، تەرگە چۆمۈش، تۇتقاقلىق يۆتىلىش، ئۆپكە گىژىلداش، بەزىلەردە سۇس قىزىل رەڭلىك كۆپۈكسىمان بەلغەم تۈكرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئېغىر بولغانلىرىدا مېڭىگە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن خامۇشلىشىش، ئېغىز-بۇرنىدىن مازغاپسىمان قان ئارىلاش سۇيۇقلۇق ئېتىلىپ چىقىش، قان بېسىمى ئاۋۋال ئۆرلەپ، ئاندىن تۆەنلەش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، يۈرەك مەنبەلىك شوك يۈز بېرىدۇ. ئاڭلاپ تەكشۈرۈگەندە ئىككى ئۆپكىنى ھۆل خىرىپ قاپلىغانلىقىنى، يۈرەك رېتىمى تېزلىشىپ ئات چاپقاندەك سالغانلىقىنى، ئۆپكە كلاپان رايونىدا ئىككىنچى يۈرەك ئاۋازىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.