كېسەللىك سەۋەبى
يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدىكىسىدىن كۆپ ئۇچرايدىغانلىرى تۇبېركۇلوز خاراكتېرلىك (ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ)، ۋىرۇس خاراكتېرلىك (ئاتالمىش «ئالاھىدە غەيرىيلىك بولمىغان») ۋە يىرىڭلىق خاراكتېرلىك (ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيە ۋە قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيىدىن كېلىپ چىققان) يۈرەك پەردە ياللۇغى قاتارلىقلار بار. يۇقۇملىنىش خاراكتېرىدە بولمىغانلاردىن كۆپ ئۇچايدىغانلىرى رېماتىزم خاراكتېرلىك (ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ)، ئاز ئۇچرايدىغانلىرىدىن قىزىل داغلىق، بۆرە چاقىسى خاراكتېرلىك، سۈيدۈك بىلەن زەھەرلىنىش خاراكتېرلىك، يامان سۈپەتلىك ئۆسمە خاراكتېرلىك، زەخىملىنىش خاراكتېرلىك (مەسىلەن: خىلوسۇلۇق)، رېئاكتىپ نۇر بىلەن زەخىملىنىش خاراكتېرلىك يۈرەك قېپى ياللۇغى قاتارلىقلار بار.
كىلىنىكىلىق ئىپادىلىرى:
1) پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلىرى، يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىكتە قان زەھەرلىنىشنىڭ ئىپادىلىرى بولىدۇ.
2) يۈرەك رايونى ئاغرىش. مۇھىمى تالالىق ئاقسىل سېزىپ چىقىدىغان ياللۇغلىنىش دەۋرىنى كۆرسىتىدۇ.
3) يۈرەك قېپىغا سۇ تولۇپ قېلىشنىڭ ئالامەتلىرى بولىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.