مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ14-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1145 رەت   / مەنبە: -

يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى تەرەققىيات جەريانى ۋە پەيدا بولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىغا قاراپ ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ۋە سوزۇلما يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى دېگىنىمىز: يۈرەك مۇسكۇلىغا ئۇزاق ۋاقىت ئېغىر دەرىجىدە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدىغان يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نېكروزلىنىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىر قاتار ئېغىر كلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ. AMI يەنى ST بۆلىكى كۆتۈرۈلىدىغان ۋە كۆتۈرۈلمەيدىغان دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ پاتولوگىيىسى جەھەتتە ئوخشىماسلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن ئوخشىمىغان داۋالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. AMI بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %30-%5 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇ، بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ ئىچىدىكى يېرىم نىسبەتنى ئىگىلىگەن بىمارلارنىڭ ئۆلۈشىنى يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ تىترىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرلەرنىڭ يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىغا گىرىپتار بولۇشى ئاياللارغا قارىغاندا ئون ياش بۇرۇن بولىدۇ. 

AMI غا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىشى، كېشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، AMI نىڭ كېسەللىك دەرىجىسىنى ياخشى مۆلچەرلەش ۋە توغرا دىئاگنوز قويۇش ئىنتايىن مۇھىم.

كېسەللىك سەۋەبى: AMI نى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىدىن ئىبارەت. ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھەرقانداق ئامىل، مەسىلەن: يۇقىرى قان بېسىم، دىئابېت كېسىلى، ياغ مېتابولىزمى قالايمىقانلىشىش ۋە فىبرىنوگېن يۇقىرىلاش قاتارلىقلار AMI نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان خەتەرلىك ئامىللار ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كەيپىيات ئامىللىرى، مەسىلەن: جىددىيلىشىش، بىئارام بولۇش، ھاياجانلىنىش، جىسمانىي ھەرىكەتلەر، زىيادە چارچاش، تۇيۇقسىز كۈچىنىش قاتارلىقلار، يەنە قان يوقىتىش، سۇسىزلىنىش، شوك، يۈرەك رىتىمسىزلىقى، قان بېسىم بەك ئۆرلەپ كېتىش، تويۇنۇپ غىزالىنىش، ھاراق ئىچىش، سوغۇق ئۆتكۈزۈۋېلىش، يۇقۇملىنىش ۋە ئوپېراتسىيىلەرمۇ AMI نى پەيدا قىلىدۇ. 


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.