مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ13-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1251 رەت   / مەنبە: -

پەقەت مۇھەممەت ۋاھابى ئەپەندىم ئەنسىرەپلا قالماستىن، ھەربىر يۇقىرى خولېستېرىنلىق بىمارنىڭ ھەممىسى ئەنسىرەيدۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، كۆپلىگەن كېسەللىكلەر قان تەركىبىدىكى يۇقىرى خولېستېرىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر خولېستېرىن ئۈچۈن كۆپلىگەن نورمال قىممەتلەرنى تۈزۈپ چىقتى. بۇ سانلىق قىممەتلەر ئۇدا تۆۋەنلىمەكتە. ھازىر كىشىلەر ھەر 100 cm3 قاندا 200mg  بولسا نورمال دەپ قارايدۇ. ئەمما بۇ سانمۇ قارىسىغا ھۆكۈم قىلىنغان سان. مېنىڭچە نورمال قىممەتنىڭ دائىرىسى 150mg بىلەن 100 ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. 

مەندە خولېستېرىن دەسلەپتە 89mg ئەتراپىدا بولۇپ، 130mg دىن ئېشىپ باقمىدى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، مەن ھەركۈنى ئەتىگەندە تاماقتىن بۇرۇن 2-3 ئىستاكان سۇ ئىچىمەن. 1991-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى <<ئەنگىلىيە>> دە بىر ئېلان بېسىلغان. كەينىگە بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان. شۇ ئېلاندا بىر 88 ياشلىق ياشانغان باي ھەركۈنى 25 تال تۇخۇم يېگەن، لېكىن خولېستېرىن نورمال ئىكەن. بۇ شۇنى كۆرسەتتىكى، بىز يېگەن خولېستېرىن بىلەن قاندىكى يۇقىرى خولېستېرىننىڭ ئانچە كۆپ مۇناسىۋىتى يوق. بۇ مەسىلىنى چوقۇم ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. خولوېستېرىننىڭ مىقدارىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى سۇسىزلىق ئالامىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نۇرغۇنلىغان كېسەللەرنى سۇسىزلىق كەلتۈرگەن بولۇپ، قان تەركىبىدىكى خولېستېرىن كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. شۇڭلاشقا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى سۇ ئىچىش مىقدارىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت فېرمېنتنىڭ ھەرىكىتى نورمال بولسىلا ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى ھەزىم بولىدۇ. جۈملىدىن خولېستېرىن تەركىبلىك يېمەكلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋاھابى ئەپەندىم نېمىلا يېيىشتىن قەتئىينەزەر، خولېستېرىنى ئوخشاشلا تۆۋەنلىگەن. 

ئۇنىڭ تۇرمۇشى نورمال، يېمەكلىكنى كونترول قىلغىنى يوق، لېكىن ئۇنىڭ خولېسترىنى ئىككى ئاي ئىچىدە 279mg دىن ناھايىتى تېزلا 203mg غا چۈشكەن. ئۇ پەقەت تاماقتىن بۇرۇن كۆپ سۇ ئىچكەن، ئەگەر ئاشۇ ئىككى ئايدا قەرەللىك يول مېڭىپ بەرگەن بولسا، خولېستېرىن تېخىمۇ تۆۋەنلىگەن بولاتتى. 

ئەگەر سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتكەندىن كېيىن، خولېستېرىن تۆۋەنلەپ، كېيىن يەنىلا ئۆرلەپ كەتسە، ئۇ ۋاقىتتا سىز بەدىنىڭىزدىكى تۇز مىقدارىنى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ. كۆپچىلىك شۇنى بىلىش كېرەككى، خولېستېرىن بولسا، كۆپ مىقداردىكى ھومۇننىڭ ئاساسىي تۈزۈلۈش ماتېرىيالى. ئەلۋەتتە، ھومۇننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى كۆپەيسە، خولېستېرىننىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىمۇ كۆپىيىدۇ. 



ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.