بۇ داس بوشلۇقىدا يىرىڭلىق ئىششىق شەكىللىنىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، سىبلىس، سۆزنەك، لىمفا بەز ئىششىقلىرى ۋە لىمفا بەز سىلى، بۇيىدىن ئاجىراش، بەدەندىكى خىلىتلارنىڭ بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى:
يەرلىك ئورۇندا ئىششىق، ئېچىشىش ۋە سانجىلىپ ئاغرىش، قىزىتما بولۇش، تەرەت سۇندۇرغاندا قاتتىق بىئارام بولۇش، قەۋزىيەت بىلەن سانجىلىپ ئاغرىش بولىدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
بۇ كېسەلنىڭ داۋالاش چارىسى بالىياتقۇ يىرىڭلىق ئىششىقىنى داۋالاش ئۇسۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، دەسلەپتە ئىسسىق ئۆتكۈزۈپ كېسەلنى ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىرگە قايسى خىلتتىن بولغان بولسا شۇ خىلىتنىڭ پىشۇرغۇچى ۋە سۈرگۈچى دورىلىرىنى بەرگەندىن كېيىن قايسى جايدا يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا بولغان بولسا شۇ جايدىن مۇناسىپ چوڭقۇرلۇقتا تۆشۈك ئېچىپ يىرىڭنى چىقىرىۋېتىش، ئەگەر يىرىڭ داس سۆڭەك بوشلۇقىدا بولسا شىپرىس بىلەن تارتىش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.