تەسۋىيسىمان زەمبۇرۇغ باكتېرىيەسى جىنسىي يولغا تاجاۋۇز قىلىش ئارقىلىق جىنسىي يولنى ياللۇغلاندۇرۇش بىلەن ئىپادىلىدىغان كېسەللىك.
سەۋەبى:
بۇنى كۆكەرتىش زەمبۇرۇغنىڭ بىر تۈرى بولغان ئاق رەڭلىك تەسۋىيسىمان زەمبۇرۇغ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تەسۋىيسىمان زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىك جىنسىي يول ياللۇغى ھامىلىدار ئاياللار ياكى دىئابېت كېسىلى بولغانلاردا، يۇقۇملىنىشقا قارشى دورىلارنى ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەنلەر ۋە ئانىلىق ھورمۇن بىلەن داۋالانغۇچىلاردا كۆپ پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى:
چات ئارىلىقى قىچىشىش بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى بولۇپ، كېسىلى ئېغىرلار ئولتۇرسىمۇ، ياتسىمۇ ئارام تاپالماي ئۇيقۇسىغا تەسىر يېتىدۇ، قىچىشقانلىقتىن تاتىلاپ زەخىملەندۈرىۋېتىدۇ. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ياللۇغلانغان مەزگىلدە جىنسىي يولنىڭ سىرتىغا ھەمىشە بىر قەۋەت كىچىك ئاق پەردىگە ئوخشاش ئاجراتمىلار چاپلىشىپ تۇرىدۇ، سۈرتسە ئوڭاي چىقمايدۇ. سۈرتۈپ چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن جىنسىي يول شىللىق پەردىسى قىزىرىپ ئىششىپ قالىدۇ ياكى ئازراق قانايدۇ.
داۋالاش پرىنسىپى:
تازىلىقنى كۈچەيتىپ، جاراسىملارنى ئۆلتۈرۈپ، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
لازا، ئاچچىقسۇ، بۇسلۇق تاماق، كالا گۆشى، تۇزلىغان گۆش قاتارلىق تائاملاردىن پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.