مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1148 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

گەرچە تەنھەرىكەت ئادەمنىڭ ھەر قايسى باسقۇچتىكى تەن ساغلاملىقىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولسىمۇ ، لېكىن نورۋېگىيىلىك ئالىملار يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى : بۇنىڭدىن 10 يىل بۇرۇن تۇغۇت يېشىغا يەتكەن ھەمدە ھامىلدار بولالماسلىق كېسىلىدىن خالىي 3000 ئايالنىڭ تەنھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالىنى سۇئال–جاۋاب شەكلىدە ئىگىلىگەنىدۇق ، 10 يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرۈپ ، ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئىگە بولدۇق . 

   دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى : بۇ ئاياللارنىڭ ئارىسىدا كۈندە تەنھەرىكەت بىلەن چېنىقىدىغان ۋە تەنھەرىكەت بىلەن تاكى جىسمانىي قۇۋۋىتى خورىغىچە ھەرىكەت قىلىدىغان ئاياللاردا ھامىلدار بولماسلىق ئەھۋالى نىسبەتەن ئېغىر ، ئەمما بۇ ئىككى خىل ئادەتنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئاياللارنىڭ ھامىلدار بولالماسلىق نىسبىتى بەك يۇقىرى بولغان . ئەمما ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان ئەھۋال شۇكى ، چەكتىن ئاشقان ھەرىكەتنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋاقىتلىق بولىدىكەن . شۇڭا ئاياللار تەنھەرىكەت ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى توختاتسا ياكى چېنىقىش دەرىجىسىنى نىسبەتەن تۆۋەنلەتسە ، ئۇلارنىڭ بالىلىق بولالايدىغانلىقىدىن ئۈمىد تۇغۇلىدىكەن ، ھەتتا ئۇلارنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارى نورمال ھالەتكە قايتالايدىكەن .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.