يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزدە سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بارغانسېرى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ. سۈت بېزى راكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى بىرقەېەر يۇقىرى رايونلار ئاساسلىقى، دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلەر، بولۇپمۇ شاڭخەيدە ئەڭ يۇقىرى بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە، يۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ غەرىبلىشىشى كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىدا ئىسسىقلىق مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، سېمىزلەر بىر قەېەر كۆپ، ھالبۇكى سېمىزلىك بىلەن سۈت بېزى راكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. سۈت بېزى راكى بىمارلىرى ئىچىدە كېسەل قوزغلىشىنىڭ ئىككى تۈرلۈك ياش باسقۇچى بولۇپ، بىرى 45 ياشتىن 50 ياشقىچە، يەنە بىرى، 60 ياشتىن يۇقىرى بولغان مەزگىلدە كۆرۈلىدۇ. سۈت بېزى راكى ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللارغا مەنسۇپ كېسەللىك بولسىمۇ، بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بارغانسېرى ياشلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.