مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ16-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1171 رەت   / مەنبە: ئۈرۈمچى گەچلىك گېزىتى

 بىر قىسىم ھامىلدارلار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى پۇتى ئىشىپ كېتىش ، كىچىك تەرىتىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشتەك ئۆزگىرىشلەرگە ئانچە ئىرەن قىلمايدۇ . ئاقىۋەتتە ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولماسلىق ھەم ھامىلە ساغلام يېتىلمەسلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ئەھۋاللار ھامىلىگە ئوكسېگىن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ ، شۇڭا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوكسېگىن سۈمۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم .

      ئادەتتە ، كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئاسانلا نەپەس يولى ياللۇغلىنىپ قالىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭدا ھامىلىنى ئوكسېگىن بىلەن تەمىنلەش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ . بۇ چاغدا يۈرەك ھەرىكىتى ئاستا ، رېتىمسىز بولىدۇ ھەم ھامىلىنىڭ يېتىلىشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ . ھامىلدارلار بۇنداق ئەھۋالدا دوختۇرغا تەكشۈرتۈپ مۇۋاپىق مىقداردا ئوكسېگىن سۈمۈرسە بولىدۇ . ئوكسېگىن سۈمۈرتۈش ئارقىلىق بالا ھەمرىيىنىڭ قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ ، ھامىلىگە ئوزۇقلۇقنى تولۇق يەتكۈزۈپ بەرگىلى بولىدۇ . ئوكسېگىن سۈمۈرتكەن چاغدا چوقۇم مۇۋاپىق سۈمۈرتۈشكە دىققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر ئارتۇق سۈمۈرتۈلسە ، ھامىلە ئوكسېگىندىن زەھەرلىنىپ قېلىپ ، ئۆپكىدە سۈمۈرۈلۈش خاراكتېرلىك بىر يۈرۈش كېسەللىك كېلىپ چىقىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھامىلىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ، ھامىلىدە كانايچە كېڭىيىپ كېتىش كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ . شۇڭا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە كۆزىتىپ تۇرۇپ ، ئوكسېگىن سۈمۈرتۈش كېرەك . ھامىلدار ئاياللار يەنە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە چوقۇم ياخشى دەم ئېلىشى ، ئارتۇق چېچىلماسلىقى ھەم تۇزى كەم تاماقلارنى ئىستېمال قىلىپ ياخشى كۈتۈنۈشىگە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك .


ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.