مەسلىھەت سوراش دىئابېت ئېلانى مەزى بېزى ئېلانى دانخورەك
يوللانغان ۋاقتى: 2015-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى  كۆرۈلىشى: 1382 رەت   / مەنبە: شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

ئاياللار جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى- ئاياللارنىڭ سىرتقى جىنسىي ئەزاسىنىڭ تېرە، شىللىق پەردە توقۇلمىلىرىدا پەيدا بولىدىغان بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك پىگمېنتلىق كېسەللىك بولۇپ، كېسەللىك رايونىنىڭ تېرىسى ۋە شىللىق پەردىلىرى كۆپىنچە ئاق رەڭدە بولغانلىقتىن، ئادەتتە سىرتقى جىنسىي ئەزا ئاق داغ كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.

سەۋەبى:

كېسەللىك سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئاساسلىقى ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە سىرتقى جىنسىي ئەزادىكى قىسمەن ئورۇنلارنىڭ نەملىكى ۋە سىرتقى غىدىقلىغۇچى ماددىلارنىڭ ئۆتكۈر رېئاكسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا. ئۇندىن باشقا ئېرسىيەت ئامىلى، ئۆز بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، جىنسىي ھورمۇن تەسىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك.

ئالامىتى:

سىرتقى جىنسىي ئەزا قىچىشىدۇ، تاتىلىغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇن ئاغرىيدۇ. ئاساسلىقى چوڭ جىنسىي لەۋ، كىچىك جىنسىي لەۋ ئارىلىقى، دىلچىق ئۈستۈنكى پەردە ئارىلىقى ۋە جىنسىي لەۋ ئارقا بىرلەشمىسىگىچە سىممىترىك ھالدا پەيدا بولىدۇ. كېسەللىك رايونىدىكى تېرە قېلىنلاپ قالىدۇ، تومپىيىپ چىققان ئورۇن ھۆل ئەسۋىگە ئوخشاش بولۇپ، دائىرىسى ئېنىق بولغان ئاق داغنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ ھالرەڭ ياكى كۆپ قىرلىق بولىدۇ، كىچىك دۆڭچە ئەسۋە بىرلىشىپ پارچە-پارچە بولىدۇ. كېيىن بىنەپشە ئاق رەڭلىك ئاق داغ بولىدۇ. كېسەللىك تەرەققىي قىلغاندا تېرە ۋە شىللىق پەردىلەر ئاقىرىپ ۋە نېپىزلەپ ئەۋرىشىمچانلىقىنى يوقىتىپ قۇرغاقلىشىپ، ئاسان يېرىلىپ كېتىدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

سىرتقى جىنسىي ئەزانىڭ دائىم پاكىز ھەم قۇرغاق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، سوپۇن ۋە باشقا غىدىقلاش خاراكتېردىكى دورىلار بىلەن سۈرتۈپ يۇيۇشتىن ساقلىنىش، قول ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن قىچىشقاق ئورۇننى تاتىلىماسلىق، ئاچچىق ياكى زىيادە سېزىمچانلىقنى ئاشۇرغۇچى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلماسلىق، كىيىمنى كەڭ-كۇشادە كىيش لازىم. ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان سۈنئىي تالالىق كىيىملەر نەملىكنى ئاشۇرىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىيىملەرنى كىيمەسلىك لازىم. دورا بىلەن داۋالاشتا بەدەننى كۈچەيتىش ھەمدە يەرلىك ئورۇنغا ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

قېتىق، لەڭپۇڭ قاتارلىق سوغۇق تەبىئەتلىك يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.

ساغلاملىق تورىدىن ئالاھىدە بايانات

شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.