جۇڭيى دورىلىرى ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى بەزى كېسەللىكلەرنى داۋالاشقا مۇۋاپىق . بىراق ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئۇستىخاننى ياخشىلاش ، قاننى تازىلاش ، روھىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈش قاتارلىق تەركىبلىرى بار جۇڭيى دورىلىرىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك . چۈنكى بۇ خىل دورىلار ھامىلىنىڭ غەيرىيلىكىنى ، بويىدىن ئاجراش ، ئاي–كۈنى توشماي تۇرۇپ تۇغۇش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئاساسلىقى ، دورىلاردىن ئىپار ، ئالا قوڭغۇز ، فىتولاككا ، ھەبىبۇلھۇلۈك ئۇرۇقى ، ھەشقىپىچەك ، سۈتلۈكئوت ، يېنىدەك يىلتىزى ، باربا قاتارلىقلار ئېھتىيات قىلىدىغان دورىلار ، يەنى روھنى كۆتۈرۈش قاتارلىق دورىلار مەسلەن ، شاپتۇل مېغىزى ، قىزىل گۈل ، رەۋەن ، سترۇس قېقى ، ئاقچەشكە ، دارچىن ، تىزغا قاتارلىقلار . روھىي جەھەتتىكى غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھامىلدار ئاياللار يىڭنە سانجىش ۋە داغلاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك . ھامىلدارلىق مەزگىلىدە كۈتۈنىدىغان دورىلارنى ئوڭايلىقچە ئىشلەتمەسلىك ، چۈنكى ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ، مۇئەننەس قانلار ھامىلىگە يىغىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارنىڭ بەدىنىدە‹‹ مۇئەننەس قان بوش(تۆۋەن) ، مۇزەككەر يۇقىرى ›› دەيدىغان ھالەت شەكىللىنىدۇ . شۇڭا خەلق ئارىسىدا ‹‹ تۇغۇتتىن بۇرۇن سالقىن بولۇش›› دېگەن سۆز تارقالغان . مەسلەن ، ئادەمگىياھ گەرچە ئوزۇقلۇق تولۇقلىمىسىمۇ ، بىراق ھامىلدار بولغاندىن كېيىن ئىشلىتىلسە ياكى ئارتۇق ئىشلەتسە ، مۇزەككەر قانچە قويۇق بولسا ، مۇئەننەس شۇنچە بوش بولۇپلا قالماستىن ، ھامىلە ۋە ھامىلدار ئايالغىمۇ پايدىسىز ھەم ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ياندۇرۇشىنى ، قان بېسىم يۇقىرى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . يەنە بويىدىن ئاجراپ كېتىشمۇ مۇمكىن . بۇنىڭدىن باشقا مەسلەن ، بۇغىنىڭ مۈڭگۈزى ، بۇغا ھەمرىيى ، بۇغا مۈڭگۈزى يىلىمى قاتارلىق ئىسسىق كېلىدىغان دورىلارنى ھامىلدارلار ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك .
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى: www.saglamlik.com تور بېتىمىزدىكى ساغلاملىق بىلىملىرىنى باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قەتئىي روخسەت قىلىنمايدۇ. ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.